ئاۋسترالىيەدە «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى» ناملىق سۆھبەت يېغىنى ئىچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابىدە
2014.08.11
awstraliye-uyghur-yeken-weqesi.JPG «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى» ناملىق سۆھبەت يېغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 9-ئاۋغۇست، ئاۋسترالىيە.
RFA/Abide

8-ئاينىڭ 9-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ھەم بۇندىن كېيىن قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى» تېمىسىدا مەسلىھەت يېغىنى ئېچىلدى.

بۇ يىغىنغا ئادىلايد شەھىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جامائىتى قاتناشقان بولۇپ، يېغىندا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ھەم جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى دىنىي ئالىمى ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندىلەر ۋەتەندە يېقىندا بولۇۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇر ھەم سانلىق مەلۇماتلار بەردى. سۆھبەت يېغىنى ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم چېكىۋاتقان، خىتاي تەرىپىدىن ناھەق ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان، تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىش بىلەن باشلاندى.

يېغىن جەريانىدا نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى، ۋەتەندە ئىلىپ بېرىلغان زۇلۇملاردا ئۆلتۈرۈلگەن، غايىب بولغان، تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى، خەلقئارا مەلۇماتلاردا، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنى بەردى.

يېغىندىن كىيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى مۇنداق دېدى:
‏- بىز بۈگۈن جەمئىيىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئادىلايدتىكى پۈتۈن جامائەتنى تەكلىپ قىلىپ بىر زالغا جەم بولدۇق. جامائىتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى قاتناشتى. بۇ يىغىلىشىمىزدا 28-29-ئىيۇلدا ۋەتىنىمىزنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئىلىپ بېرىلدى. خىتاينىڭ بۇ زۇلۇملىرىغا، قىرغىنچىلىقلىرىغا قانداق قارشى تۇرۇش، خەلقىمىز بۇ توغرىلىق قانداق پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بېرىلدى. بىز يەنە مۇشۇ يىغىلىشىمىزدا، ئادىلايدتىكى پۈتكۈل مەسچىتلەرنى، مۇسۇلمانلارنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ خەلقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئادىلايد شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى بىر نامايىش قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. كېلەر يەكشەنبە كۈنى بۇ نامايىشنى ئادىلايد شەھىرىدە ئېلىپ بارىمىز.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەد تۈركىستان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏- بۈگۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار جەم بولۇپ ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنى ئەسلەش، شېھىتلارغا دۇئا قىلىش ھەم شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن قانداق ئىش كۈلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بىرىنچىسى، بىز ئاللانىڭ ئۇلۇغ زېمىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ بىر مىليارد 600 مىليون خىتايغا باش ئەگمەي، بوي سۇنماي كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئالىي سالاملىرىمىزنى يوللايمىز. ئاللاھ شۇ يولدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شېھىتلىكىنى قوبۇل قىلسۇن. ۋەتەننىڭ سىرتىدا ئەركىن مۇھىتتا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن سەمىمىي كۈتىدىغان تەلەپلىرىمىز شۇكى، ئىنشائاللا بىزمۇ شۇ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزدەك ئىرادە بىلەن ياشايدىغان بولساق نۇسرەتنىڭ كۈلىدىغانلىقىغا ئىشەندۇق. ئۇندىن باشقا، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يىراق-يېقىندا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىر قېرىنداشلىرىغا قىلغان ياردەملىرىنى، قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى ھەم بۇندىن كىيىن قىلىدىغان خىزمەتلىرىمىزنى بىرقۇر جامائەتكە يەتكۈزدۇق. بولۇپمۇ، يېقىندا يەكەندە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئىلىپ بېرىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىش ھەققىدە جامائەتكە ئۇقتۇرۇش بەردۇق.

بۈگۈنكى يېغىنغا قاتناشقان زۇلپىيە خانىم ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
‏- بۈگۈن يىغىنىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى. خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولدى ھەم غەزەپلەندۇق. نېمە دېگەن ناھەق ئىشلار بولۇۋاتىدۇ بىزنىڭ ۋەتەندە. كۆڭلۈم بەكلا يېرىم. بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز مۇشۇ يەردە باشقا مىللەتلەرنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ناھەقچىلىك، قىرغىنچىلىقلار بولۇۋاتىدۇ دەپ ئويغىتىشىمىز كېرەك. بىز بۇ يەردە ياخشى ياشاۋاتىمىز، لېكىن بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بەك قىرىلىپ كېتىۋاتىدۇ. خىتايلار بەكلا ئۆلتۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ ئۇلارنى. مەنمۇ شۇ ھېسسىياتقا كەلدىمكى، بىزنىڭ قولىمىزدىن باشقا ئىش كەلمىگىنى بىلەن ھەممىمىز چىقىپ بۇداقى ھەپتە نامايىش قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقلەرگە، باشقا مىللەتلەرگە چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك دەپ ئويلىدىم. خىتاي بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. بالىلارنى، چوڭلارنى، ئانىلىرىمىزنى قىرىپ تۈگىتىدىغان ئوخشايدۇ. ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم ھەم غەزەپلىنىپ كېتىۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ۋەزىيەت قانداق بولۇۋاتىدۇ، باشقىلارغا بىلدۈرۈش، نامايىش قىلىش كېرەك دەيمەن. شۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارمۇ چۈشىنىدۇ بولمىسا خىتاي بۇلارنىڭ ئىگىسى يوقكەن دەپ تېخىمۇ قىرىدۇ. ۋەتىنىمىزنى شۇنداق قىرىشنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق چىقىپ نامايىش قىلىپ قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشىمىز لازىم. مېنىڭ بۇ گېپىم پۈتۈن ۋەتەنداشلارغا، ھەممىمىزنىڭ بىللە چىقىپ نامايىشلار قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىكى بارلىق مەسچىتلەرگە جۈمە نامىزىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى ئاڭلاتقان ھەم 8-ئاينىڭ 17-كۈنىنى يەكشەنبىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭمۇ چىقىپ زۇلۇمدا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بىرلىكتە ئاۋسترالىيە خەلقىگە يەتكۈزۈشكە ياردەمگە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ يېغىن يېغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىغا قىلغان دۇئالىرى بىلەن ئاياغلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.