ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەن
2019.02.18

18-فېۋرال كۈنى مەركىزى ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىگە جايلاشقان ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئادېلايدتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشىشى ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن كانادادا ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندىلەر بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە مۇھىم سۆز قىلغان.
ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. نۇرمۇھەمەد تۈركىستانى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش، خەلقئارا جامائەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە ئۆز ئارا بىرلىك-باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق سۆز قىلىپ، ھازىرقى قىيىن ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەمەت توختى ئەپەندىمۇ جامائەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان.
يىغىندا نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «مەنمۇ ئۇيغۇر»، «تۇغقانلىرىم قەيەردە» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىندا يەنە دىنى ئالىم ئابدۇسالام ئالىم ئىنساننىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇسىبەتكە قانداق بەرداشلىق بېرىش ۋە سەبىر قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇنداقلا زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ چىقىش يولىنى تېپىش توغرىسىدا «قۇرئان كەرىم» دىن ئايەتلەرنى دەلىل كۆرسىتىپ، مۇھىم سۆز قىلغان.
پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئادېلايد شەھىرىدە ئاۋسترالىيە بويىچە يۇقىرى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇۋاتقان 3 نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.