ئۇيغۇر ياش: خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە سىستېمىلىق سۇيىقەست قىلىۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2015.09.29
yutken-bala-balilar-1.jpg يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئەلانى چاپلىماقتا.
Social Media

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش ئەھۋالى نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى. يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بالا يىتىپ كېتىشكە دائىر ئېلانلارنى بەرمەسلىك، بېرىشكە توغرا كەلسىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېرىش، ئەگەر خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆرۈلسە، ئۇلارغا چارە كۆرۈش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ يوقاپ كەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ئىزدەش ۋاسىتىلىرىغىمۇ چەكلىمە قويغان ئىدى.

يېقىندا ۋەتەندىن چىقىپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش ئەھۋالىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارا قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ۋاقتىدا شاھىت بولغان بەزى ۋەقەلەرنى سۆزلەپ، بۇنىڭ ئادەتتىكى بالا يوقاپ كېتىش ئەمەس، بەلكى پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ياش ئۈرۈمچىدە يەر ئاستى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇدى دەپ كېسىلگەن 9 ياشلىق ۋە 6 ياشلىق ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ۋەقەسىنى ئاڭلاتتى.

ئاخىرىدا ئۇ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشلا ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق ھالدا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىگىمۇ دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.