بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۈرەشلىرى قانداق بۇرمىلاندى؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2023.04.04
«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلىغان سىرلار «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» رەتلەپ چىققان «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە بۇ سۈرەتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
kommunizm qurbanliri xatire fondi

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى مەسىلە بولمىغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قاچان ۋە قانداق سەۋەبلەردىن ئوتتۇرىغا چىقتى؟ ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا تارتقان زۇلۇملىرىغا كۆرە، بىزنىڭ جاۋابىمىز چوقۇم خىتاي مۇستەملىكىسى باشلانغان 1949-يىلى بولۇشى كېرەك. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى مەلۇم تارىخىي جەريانلاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىق. ئۇ ھالدا، بۇ تارىخىي جەريانلار قانداق بولغان؟ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ باشلىنىشى زادى قاچان؟

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن نۆۋەتتە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر شى جىنپىڭ تەخىتكە چىققاندىن كېيىن دېسە، يەنە بەزىلەر شى جىنپىڭ تەخىتكە چىققاندىن ئاۋۋاللا باشلانغانلىقىنى تىلغا ئالماقتا. لېكىن بىز تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاينىڭ «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» ى باشلانغان دەسلەپكى ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسىملىرىدا كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن، 1985-يىلى ۋە 1988-يىللىرى يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە 1990-يىلى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر. بۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىدە ناھايىتى كۆپ ئورتاقلىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي مەنىدىكى «ئاپتونومىيە» نىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى، بايلىق مەنبەلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئاشقۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى، بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان نارازىلىقلار سەۋەبلىك كېلىپ چىققان.

خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم يېزىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا. 1990-يىلى ئاپرېل.
خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم يېزىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا. 1990-يىلى ئاپرېل.
news.boxun.com / Wang Lixiong

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 80-يىللاردا «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك» شۇئارلىرىنى توۋلاپ، ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇق» دەپ قارىلىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بارىن ئىنقىلابى «ئاشقۇنلۇق»، «تېرورلۇق»، ھەتتا «بۆلگۈنچىلىك» تىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى بىلەن قارىلىغان. ھەتتا خىتاي 2019-يىلى خەلقئارادا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بارىن ئىنقىلابىنى «1990-يىلى 4-ئاپرىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ پىلانلىشى بىلەن، 200 گە يېقىن تېرورچىلار قوللىرىغا پىلىموت، تاپانچا، بومبىلارنى ئېلىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىپ، ئون ئادەمنى گۆرۈگە ئالدى، 6 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى ماشىنىنى پارتىلاتتى» دەپ يازغان.

ئەمەلىيەتتە، بارىن ئىنقىلابى-ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ يۈرگۈزگەن ئاتالمىش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى تالان-تاراج قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلاشتۇرۇلۇشى، بىڭتۇەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىدە كېڭىيىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا كۈچلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى قاتارلىق تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر زور، تەسىرى كۈچلۈك بولغان بىر قېتىملىق ئىنقىلابىدۇر. شۇڭا بۇ ئىنقىلاب ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى زامان سىياسىي تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئىنقىلاب ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ، بارىن ئىنقىلابىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ياد ئېتىدۇ. بارىن ئىنقىلابى-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىق، يامان غەرەزلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ئېچىپ بەرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىرادىسىنى كۈچەيتكەن، جاھالەتكە باش ئەگمەس ئۇيغۇر روھىغا كۈچ قوشقان ئىنقىلابتۇر. بارىن ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار، زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش روھىنى قانداق ئويغاتقانلىقى، قانداق ئۇيۇشتۇرغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان كۈرەشتە قانداق شېھىت بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ئۇيغۇرلار قىزىقىدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرىدۇر.

ھالبۇكى، تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ھەرقانداق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «ئاشقۇنلۇق»، «تېرورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» تىن ئىبارەت ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە باغلاپ قارىلاپ كەلدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىمۇ دەل ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش دېگەن نامدا پەردازلاپ، ئۆزىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. ئۇ ھالدا، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئاراغا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بۆلگۈنچىلىك، رادىكاللىق، ئاشقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ» دېمەييدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى «ئۈچ خىل كۈچ» تىن ئىبارەت بىر سىياسىي ئاتالغۇ بىلەن يوشۇرماقچى بولىدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن ئىنقىلابى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە باغلىشى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللانغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەسىدۇر.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
Social Media

نېمە ئۈچۈن بۇنى خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانى دەيمىز؟

سەۋەب شۇكى، ئاپتونومىيە ھەقلىرى بولغان بىر مىللەتنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ كەينىدە مۇقەررەر يوسۇندا بىر ھەقسىزلىق، ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىق ياتقان بولىدۇ. ھاكېمىيەت بىلەن ئاپتونوم رايون ھەققى بولغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر خەلقئارادا بەزىدە كېلىشىش بىلەن، بەزىدە ئاپتونومىيە ھەققى بولغان مىللەتلەرنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇشى بىلەن ھەل قىلىنىپ كەلگەن. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى كوسوۋو ۋە كاتالونىيا مەسىلىلىرىدۇر. كوسوۋو مەسىلىسنىڭ ئاپتونومىيەنىڭ تارتىۋېلىنىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچلىقى سەۋەبلىك مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت مۇقەررەرلىككە ئايلانغان بىر ھادىسىدۇر. كاتالونىيا مەسىلىسى بولسا، ھەق-ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە بىر دۆلەتتە، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان مۇستەقىللىق دەۋالىرى يەنىلا كېلىشىش بىلەن تىنچ شەكىلدە ھەل قىلنغان مەسىلىدۇر. ئەمما خىتاي بۇ مەسىلىنى يا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىگە يول قويۇش ۋە ياكى ئۇلار بىلەن كېلىشىپ، تېگىشلىك ھەقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن ھەل قىلغان ئەمەس؛ بەلكى خىتاينىڭ تۇتقان يولى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىپ، زېمىننى تارتىۋېلىش يولى بولدى. بۇ يول خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات» نى باشلىغان دەۋرىدە دېڭ شياۋپىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ۋە شۇنىڭدىن بۇيان بېسىقىپ باقمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۈرلۈك قارشىلىقلىرى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش سۈيقەيسىتىنى توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىقلىرىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ كەلگەن. بارىن ئىنقىلابى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا قارىلىنىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان سۈپىتىدە باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ 2001-يىلى يۈز بەرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاينىڭ تۇيۇقسىز خەلقئارادىكى تېرورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا كىرىۋېلىشى، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە «ئاتلىنىشى» ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۈرەشلىرىنىڭ بۇرمىلىنىشىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئوتتۇرا ئاسىيادا «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى بىرلىكسەپ تەشكىلاتى بولغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇش خىتاينى خەلقئارا تېرورىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چىقاردى. مەيلى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»، «5-ئىىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» بولسۇن ياكى «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» بولسۇن، بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بارلىق ۋەقەلەر، بارىن ئىنقىلابى بىلەن قوشۇلۇپ «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلار خەلقئارادا تېخىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. ناۋادا 2017-يىللىرى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى باشلانمىغان ۋە بۇ سەۋەبلىك لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئاراغا ئاشكارىلانمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار داۋاملىق تۈردە خەلقئارا تېرورىزمنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋەرگەن بولار ئىدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت «تېررورلۇق، زوراۋانلىق» قا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 5 مىليون سومغىچە مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلاش يىغىنى. 2017-يىلى 22-فېۋرال.
خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت «تېررورلۇق، زوراۋانلىق» قا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 5 مىليون سومغىچە مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلاش يىغىنى. 2017-يىلى 22-فېۋرال.
ts.cn

مانا بۈگۈن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەرجرىبە قىلىنىپ سىناقتىن ئۆتكەن ئاتالمىش خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «سوتسىيالىزىم» ىنى ھېچ ئەيمەنمەستىن دۇنيانىڭ يېڭى كۈنتەرتىپىنى تۇرغۇزۇشقا ئەندىزە قىلىپ سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، دۇنيا جامائىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ «خىتايچە سىستېما» نى قوبۇل قىلامدۇ؟

شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاينىڭ ساختىپەزلىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خەلقئارا جامائەتچىلىككە تەدرىجى تونۇلۇشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ خىتاي بۈگۈن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۈچكە ئايلانغان بىر دەۋردە خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىگە داۋاملىق ئالدىنىدىغان ياكى غەرب ئۆچمەنلىكىنى تۇتقا قىلىپ، خىتايغا سەپ تارتىدىغان دۆلەتلەر يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەپ تۇرماقتا. مەسىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللىغان دۆلەتلەر قىرىق نەچچە بولسا، خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەر يەنىلا يۈزگە يېقىن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر يەنىلا خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماقتا ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يەنىلا «ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» دېگەن قاراشقا ئىشىنىدىغانلار كۆپەيمەكتە. خىتايمۇ زور مەبلەغ ۋە كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ئومۇميۈزلۈك خەلقئارا تېرورىزمغا باغلاش ئارقىلىق ئۆزىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.

ئەمما مەسىلە ئېنىقكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەزەلدىن بىگۇناھ كىشىلەرنى نىشان قىلغان ياكى خەلقئارا تېرورىزم بىلەن ئالاقىسى بولغان ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلىرى ھەقلىق ئورۇندا بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشقا ياكى خەلقئارانىڭ خىتايغا بېرىپ چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ئىزچىل يول قويماي كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر تېگىشلىك ھەقلەرنى قوغداش، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈكنى مۇقەددەس بىلىش، زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكە سىياسەتكە «ياق!» دەپ مەيدان ئوقۇيالىغان قەھرىمان خەلقنىڭ ھەقلىق كۈرىشى بولغىنى ئۈچۈن، خەلقئارادا ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنگەن ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئىزچىل قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە تەسىر دائىرىسى بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى داۋاملىق بۇرمىلاشقا تىرىشسىمۇ، ئەمما پولاتتەك ئىسپاتلار ئالدىدا ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ۋە جىنايەتنى يوشۇرۇشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكى بىر رېئاللىقتۇر.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.