دىنىي زات ئابدۇلئەزىز ئەپەندى: «بارىن، لۈكچۈن ۋە سېرىقبۇيا دېمەك شەرەپ دېمەكتۇر»
2014.04.07
5-ئاپرېل، 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 24 يىللىق خاتىرە كۈنى. تۈركىيەدىكى دىنىي زات ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بارىن بۇ مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.
5-ئاپرېل كۈنى، 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 24 يىللىق خاتىرە كۈنى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بارىن ئىنقىلابى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى 30 يىللىق سىياسىي تارىخىي، جۈملىدىن ئىنقىلاب تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بارىن ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى گەرچە تەشكىلىي جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە بولمىسىمۇ، يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە، بولۇپمۇ بىر-بىرىدىن ئىلھام ئېلىش ۋە تەجرىبە-ساۋاق ئېلىش جەھەتتە ئورتاقلىقلارغا ئىگە.
تۆۋەندە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زات ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ بارىن ئىنقىلابى ھەققىدىكى تەسىراتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.