13-يانۋار كۈنى د ئۇ ق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئولىمپىككە قارشى ئاخىرقى نامايىشىنى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چاقىرىقتا شۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنىدى: «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خەلقئارالىق بېسىم شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىكنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى خىتايدەك زالىم، دىكتاتور ۋە فاشىست بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈش قارارىدىن ئەسلا ۋاز كەچكىنى يوق، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان ياكى تەۋرىنىش ئىچىدە قالغان بىر ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ساھىبخان بولغان كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە داڭلىق ماركىلارمۇ خىتايدىن ئالىدىغان پايدا-مەنپەئەتلىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلىگىنى يوق!».
چاقىرىقتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىزنى، سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنى ۋە ئاۋام خەلقىمىزنى بېيجىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى باشلىنىدىغان 4-فېۋرال كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەم غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 25-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تۇتاش ھالدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ!».
دەرۋەقە، 2 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن تەركىب تاپقان 200 گە يېقىن تەشكىلات تەرىپىدىن قۇرۇلغان «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ئىتتىپاقى» دۇنيا مىقياسىدا كۆپ خىل ئۇسۇللاردا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان، ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلغان ياكى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، 4-فېۋرال كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا باشلىنىدىغان بۇ مۇسابىقە ئەمەلدىن قالمىدى ياكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆز قارارىدىن ۋاز كەچمىدى.
ئۇ ھالدا، 2 يىلدىن بۇيان خەلقئارادا ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا داۋام قىلغان «2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش» تىن ئىبارەت بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن زادى قانداق بىر نەتىجە ھاسىل بولدى؟
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە، گەرچە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالمىغان بولسىمۇ، ئولىمپىككە قارشى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاز دېگەندە خەلقئارادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تونۇلۇشىغا زور ھەسسە قاتقانلىقىنى، بىرقىسىم دۆلەتلەر ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بايقۇت ئېلان قىلىشىغا، خىتاينى ئەيىبلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردە دائىما كۈنتەرتىپتە تۇرۇشىغا ھەم دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ ئومۇملىشىشىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاينىڭ زادى قانداق بىر دۆلەت، ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى خەلقى ئالەمگە تونۇتۇشتا زور رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخىرقى قېتىملىق بۇ نامايىشنىڭ 4-فېۋرال كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر دولقۇنىنى پەيدا قىلىش بولسا، يەنە بىرى، بۇندىن 25 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ئىكەن.
4-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە نامايىشنى 8 تەشكىلات ئورتاق ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. كارلسرۇھە شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى مەزكۇر نامايىش توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ 14-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 3 قېتىملىق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن گېرمانىيەلىك چولپان فېلىكىس لوخ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان. ئۇ ئا ر د تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەگە ئوخشاش بايقۇت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سىياسىي جەھەتتىن بايقۇت قىلىش پۈتۈنلەي توغرا، ئەگەر گېرمانىيەمۇ بۇ سەپكە قوشۇلسا، مەن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم» دېگەن. بۇندىن ئىلگىرىمۇ، گېرمانىيەدىكى بەزى تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغانىدى.