خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ سالغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسىنىڭ پارتلىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى كورونا ۋىرۇسىغا تارتتى. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كورونا ۋىرۇسى بايقالغان. ئىران ۋە ئىتالىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە كورونا ۋىرۇسى ناھايىتى كۆپ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانى، يەنى يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇش پىلانى قانداق بولار؟ كورونا ۋىرۇسى سىياسىي ۋە تىجارەت جەھەتتىن خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زىيانىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى، بۇ تۈپەيلى «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنىڭمۇ زور زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كورونا ۋىرۇسى ۋەقەسى خىتايغا سىياسىي جەھەتتىن قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھازىر «يېڭى يىپەك يولى» ئۆتىدىغان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭمۇ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىغا قاتتىق سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەت يەتكۈزىمەن دەپ ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا چاقىرغانلىقىنى بۇنىڭدىن بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى قوللاۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىدە كورونا ۋىرۇسى چىقىپ، زور زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭمۇ كۆپ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ مەزكۇر «يولنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى كورونا ۋىرۇسىنىڭ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا سەلبىي تەسىرى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان خىتاي بۇنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
«بىر بەلۋاغ بىر يول؟» قۇرۇلۇشىنى 2013-يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئاستانادا دۇنياغا ئېلان قىلغانىدى.
0:00 / 0:00