قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ياشلىق ئاۋازى» گۇرۇپپىسى 16-دېكابىر كۈنى بىشكەكتىكى «پارك خوتېل» ناملىق مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا «دەۋر سۆھبىتى» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەتكە بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 150 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم پائالىيىتى 3 قىسىمدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، بۇلار: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى»، «قىرغىزىستان ياشلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ۋە «ياشلىق ئاۋازى-2018» مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلىش دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر.

نويابىر ئېيىدا جەنۋە ۋە ميۇنخېن شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە قىرغىزىستاندىن قاتناشقان پەرھات ئىبراھىموف، ئەخمەت شامىيېف ۋە نۇرشات ئەبەيدۇللايېفلار «دەۋر سۆھبىتى» پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى قىسمى، يەنى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى» دا دوكلات بەردى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

پەرھات ئىبراھىموف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا كومىسسىيەسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.

ئەخمەت شامىيېف بولسا 6-نويابىر كۈنىدىكى نامايىش ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. يەنە دوكلات بەرگۈچى نۇرشات ئەبەيدۇللايېف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ۋە نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئالىملىرى-زىيالىيلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۇلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ ئۆزىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئەۋەتكەن مۇراجىئىتىنى يەتكۈزدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نۇرشات ئەبەيدۇللايېف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندىن كېيىنكى ئۆز ھېسسىياتلىرىنى بايان قىلدى.

پائالىيەت داۋامىدا قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى ئالاھىدە مۇھاكىمە قىلىندى. قاتناشقۇچىلار ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىشتى. بۇ پىكىرلەر ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا لۇغەتلەرنى نەشر قىلىش، تېلېفون ئارقىلىق تىل ئۆگىنىش پروگراممىلىرىنى تەسىس قىلىش، مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنى ئېچىش ۋە باشقىلار بار.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئورتا ئاسىيادا داڭلىق ناخشىچى شۆھرەت ياقۇبوف، ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشتا ئەدەبىيات ۋە ناخشا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىغىنغا ئاكتىپ قاتناشقان ئۇيغۇر ياش قۇربانجان ئۆزىنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلىپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مۇراجىئىتى ۋە نۇرشات ئەبەيدۇللايېفنىڭ دوكلاتى، ئۇنىڭ مىللىي روھىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر مۇراسىم رۇس تىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى زور بولدى. «ياشلىق ئاۋازى» نىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىدىن باشلاپ ياشلارنى قانچىلىك مۇمكىنچىلىك بولسا شۇنچىلىك تىرىشىپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكە دەۋەت قىلىشتى،

رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياشلىق ئاۋازى توپىنىڭ ئەزاسى يۈنۈسجان، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «دەۋر سۆھبەتلىرى›نى ھەر ئۈچ ئاي ئىچىدە بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا ياشلىق ئاۋازى يىللىق مۇكاپاتى تەقدىم قىلىندى.

«ياشلىق ئاۋازى» 2014-يىلدىن بۇيان قىرغىزىستاندا يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر ياشلارنى قوللاپ، ئۇلارغا مۇكاپاتلارنى تارقىتىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىللىرى بۇ مۇراسىملار تەنتەنىلىك ناخشا-ئۇسسۇللار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، بۇ يىلى ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن، ئويۇن-تاماشىنى چەتكە قويۇپ، «دەۋر سۆھبىتى» شەكلىدە «ياشلىق ئاۋازى-2018» مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلىشتى. مەزكۇر مۇكاپاتقا ئۈچ كىشى ئېرىشتى. ئۇلار؛ «يۇلتۇز» ئانسامبىلى، يۇتۇب ئىنتېرنېت قانىلىدا ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرغان ۋە سوچى شەھىرىدە ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقان سالاۋات ئەبدۇلەزىز ۋە دۇنيا كۆچمەن خەلقلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان قۇربانتاي بىلالدىنوفتۇر.