زۇمرەت خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىچىدىن پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ بۈگۈر ئىسيانى ھەققىدىكى خەۋىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان، ياۋروپادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم ۋەقەدە زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى تېلېۋىزورلاردا كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر پىدائىيلارغا قارىتا ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە نىزا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. زۇمرەت خانىمنىڭ قارىشىچە، بۈگۈر ئىسيانىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سىگنال بېرىش، ھۇجۇم نىشانى بولسا خىتاي ساقچىلىرى، ۋەقەدە زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغان پۇقرلار ئىسيانچىلار تەرىپىدىن قەستەن ئۇچرىتىلغان ئەمەس.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، زۇمرەت خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.