چېن چۈەنگونىڭ خىتاي مەركىزىگە ئۆستۈرۈلۈشى ھەققىدىكى تەخمىنلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىمۇ؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.06.09
chen-chuengo-chen-quanguo.jpg ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو(ئوڭدا) باشقا ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ئامېرىكا قاتارلىق 5 دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى، خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا جازالاش تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى. مانا مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇشى ياكى ئۇنىڭ بۇ رادىكال سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىش بولۇشى، بولۇپمۇ خەلقئارادا ئەيىبلەش نىشانى بولۇۋاتقان چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھەر خىل پەرەز-تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

7-ئىيۇن كۈنى «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزە ماقالىسىدە شى جىڭپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھوقۇق مەركىزىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئۆزگىرىشلەر ئانالىز قىلىنغان. ماقالىدە شى جىنپىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ 2022-يىلى خىتاي مەركىزىگە يۆتكىلىپ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستېرى بولۇش ئېھتىماللىقى تەخمىن قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاسىتە ئىجراچىسى بولغان چېن چۈەنگونىڭ ئىلگىرى تىبەت ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىلا قاتتىق قوللۇقى ۋە رەھىمسىزلىكى بىلەن داڭق چىقارغان خىتاي ئەمەلدارى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئۇندىن باشقا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە يېڭىلىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىمۇ دىققەت قوزغىماقتا.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 8-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى نەپەر خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن بىلەن جاۋ چوڭجيۇ بىرلا ۋاقىتتا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي باشقۇرۇش رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى لى جاۋخەي ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 8-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدە يەنە ئىلگىرى جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ۋېنجۇ شەھرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان چېن ۋېيجۈننىڭ بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىكى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەلىكى ئالاھىدە ئېلان قىلىنغان.

چەت ئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى ژورنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «دىپلومات» ژۇرنىلى تورىدا ئېلان قىلىنغان چېن چۈەنگونىڭ 2022-يىلى خىتاي مەركىزىگە يۆتكىلىش ۋە ئۆستۈرۈلۈش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىگە ھەمدە 8-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا بىر قىسىم يۇقۇرى دەرىجىلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان چېن چۈەنگو ۋە رايوندىكى باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار يوليورۇقلىرىنى بىجانىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ سادىق ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش ياكى ۋەزىپىسىنى يۆتكەش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپلەرگە بۇرايدىكەن، شۇنداقلا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئويۇن ئوينايدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، لاتۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان، خەلقئارادا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان، لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللگىيەسى» نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرى قاتتىق پاش قىلىنغان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھوقۇق مەركىزىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر چوقۇمكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغايدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ھادىسىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشىنىڭ بىر بىشارىتى دېيىشكە بولىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نۆۋەتتىكى بۇ ئەھۋاللارنى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭگە يۆتكەپ كېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەننىڭ پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ كېلىشى، شۇنداقلا 2010-يىلدىن 2015-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە بىر مەزگىل «يۇمشاش» كۆرۈلگەنلىكى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ ئۆتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاخىرىدا مەيلى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشتىكى بۇ خىل ئالدامچىلىقى ۋە نەيراڭۋازلىقلىرىغا ھەرگىزمۇ ئالدانماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.