مۇتەخەسسىسلەر: د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ئۇيغۇر داۋاسىغا يېڭىچە كۈچ قوشتى
2015.10.27

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى 13-ئۆكتەبىردىن 21-ئۆكتەبىرگىچە ياپونىيەدە ئۇيغۇر داۋاسى مەسىلىلىرى بويىچە زىيارەت ئېلىپ باردى.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا بۇ زىيارەتنى چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىغا يېڭىچە كۈچ قوشتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى كەسپىي تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى، ياپونىيە سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان نازۇك بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ئەھمىيەتلىك بىر زىيارەت بولغانلىقى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىمقى زىيارەت ياپونىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەپسىلىي چۈشىنىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇختەرجان ئابدۇراخمان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسى ياپون مىللەتچىلىرى ۋە شۇنداقلا دىنىي ئۇيۇشمىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سىياسىي ھەرىكەت بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ يەنە، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى ئېلىپ بارغان تۈرلۈك ئۇچرىشىشلىرى ۋە سۆھبەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا يېڭىدىن كۈچ قوشۇلدى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىنكى زىيارەتلەردە د ئۇ ق رەھبەرلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزىنىڭ تەكلىپى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يامادا د ئۇ ق رەھبىرلىرىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىغا يېڭىچە يول ئاچتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ زىيارىتىدىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى پۈتۈنلەي ياپونىيەدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇلار ياپونىيەدە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بېرىشتا د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولالايدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر داۋاسىنى توغرا يولغا باشلاشقا مەسلىھەت بېرىدۇ، دەپ قارايمەن.»
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.