ياپونلار: «پارىژدا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.07.20
duq-qurultay-uyghur-kiyim-1.jpg د ئۇ ق 5-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىل 12-ئىيۇل، پارىژ.
RFA/Qutluq

11-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا تەسىر قوزغاپ قالماستىن، بەلكى ياپونىيە جەمئىيىتىدىمۇ بىر قىسىم ياپونىيەلىك ئەربابلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چەككەن بولۇپ، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىن مەزكۇر يىغىن توغرىسىدىكى كۈندىلىك خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى كۆرگەن بىر قىسىم ياپونلار بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلارنى بايان قىلماقتا.

ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئاروما سېئىجى خانىم بۇ ھەقتە قاراشلارنى بايان قىلىپ: «مەن ئالدى بىلەن چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پارىژدا چاقىرغان 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ يەنە بىر نۆۋەت رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە بولغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن. قىسقىسى ئۇيغۇرلار بۇ نۆۋەت پارىژدا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى ۋە مەدەنىيىتىنى دۇنياغا قايتىدىن نامايان قىلدى دەپ ئويلايمەن» دېدى.

تەتقىقاتچى ئاروما سېئىجى سۆزىدە: «پارىژدا چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا مېنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈرگىنى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق داۋاسىغا بولغان قىزىقىشى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۇقىرى مەلۇماتلىق خانىم-قىزلارنىڭ ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆڭلەك، باشلىرىغا چىرايلىق گۈللۈك دوپپىلارنى كىيىپ گۈزەل قىياپەت، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يىغىن مەيدانىدىن ئورۇن ئېلىشى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ يارىشىملىق دوپپىلىرى ۋە كانىۋاي كۆڭلەكلىرى، ئۆزگىچە ساقال-بۇرۇتلىرى ماڭا گۈزەل قەدىمىي يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەسلەتتى» دېدى.

ئاروما سېئىجى سۆزىدە يەنە: «ئىسلام دىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا ھەرىكىتىدە ئۆزگىچە دېموكراتىك يوللار بىلەن خانىم-قىزلارغا مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ خىلدىكى كاتتا يىغىنلاردا تۆردىن ئورۇن بېرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە بولغان دۇنياۋى ئىدىيىسىنى نامايان قىلدى دەپ قارايمەن» دېدى.

تەتقىقاتچى ئاروما سېئىجى 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا تۈركىيەدە دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئېچىشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ:«مەن ئەگەر پۇرسەت بولسا ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.

ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە يېقىن ياردەمدە بولۇۋاتقان ۋە شۇنداق 2012-يىلى توكيودا چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان تاكاشى ساتو پارىژدا چاقىرىلغان يىغىن ھەققىدە توختىلىپ: «مەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشقانلىقىدىن خوشاللاندىم، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كۆپلەپ قاتنىشىپ ئۆزگىچە كىيىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغانلىقىدىن تەسىرلەندىم. ئاخىرىدا باراۋەرلىك، ئىناقلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەئىسلىككە، سېيىت، ئۆمەر، ئۈمىد قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن» دېدى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان ئەزىزى بۇ قېتىمى پارىژدا چاقىرىلغان قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كۆپلەپ قاتنىشىشى توغرىسىدا توختالدى.

گۈلىستان ئەزىزى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاكتىپ قاتنىشىشى ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يىغىنلاردا مىللىيچە كىيىم كېچەكلەرنى كىيىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.