تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدىن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. تۈركلەر ئۇيغۇر دىيارىنى ئاتا يۇرت دەپ قوبۇل قىلغاچقا، ئۇيغۇر دىيارىنى كۆرۈشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن تەسىراتلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلىدۇ ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىتىدۇ. بۇلاردىن بىرى سىنتەبىر ئېيىدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ يەرمەنكىگە قاتنىشىپ كەلگەن، تۈركىتە چاي ئىدارىسى كادىرى ئەخمەت دەرەجى ئەپەندى. ئۇ بالىلىق چېغىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن كىشى بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىكەن. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنى ئايلنىپ كەلگەندىن كېيىن تەسىراتىنى رادىئومىزغا ئاڭلاتتى. ئەخمەت دەرەجى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن تارتىپ بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي زۇلمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، بۇ زۇلۇمنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىتىمىز.
0:00 / 0:00