ئەركىن ئەكرەم: مۇزاففەر ئۆزداغنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى قاراشلىرى توغرا چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.02.11
erkin-ekrem-yighin-soz.jpg ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇزاففەر ئۆزداغنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 8-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

8-فېۋرال ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن«تۈرك يۇرتلىرىدا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئەربابى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھارماس قوللىغۇچىسى مەرھۇم مۇزاففەر ئۆزداغ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ17 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا تۈرك ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ھەمدە تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى قاتنىشىپ مەلۇمات بەردى.

يىغىننى ئەنقەرەدىكى 21-ئەسىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىنستىتۇتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، سۆزىدە 20-ئەسىرنىڭ تۈركلەر ئۈچۈن ئويغىنىش يىلى بولغانلىقىنى، ھازىر دۇنيادا مۇستەقىل 7 تۈرك دۆلىتى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «1901-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ھېسابلىساق 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگىنىمىزدە دۇنيادا 7 مۇستەقىل تۈرك دۆلىتى مەۋجۇت. بۇلار تۈركىيە، ئەزەربەيجان، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان. 20-ئەسىر تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئويغىنىش يىلى بولدى. 2021-يىلى 5 تۈركىي جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز. ئۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى نۇرغۇن ياشلار مۇستەقىل دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى. لېكىن، بۈگۈن قىيىن ۋەزىيەتتە زۇلۇم تارتىۋاتقان تۈركىي خەلقلەر بار، بۈگۈنكى يىغىندا ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.»

«ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندى ئارقىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇزاففەر ئۆزداغنىڭ دېيىشىچە، شەرقىي تۈركىستان تۈرك ئەللىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدۇر. شەرقىي تۈركىستانلىقلار 21-ئەسىردە خىتاي فاشىزمىنىڭ بېسىمى ئاستىدا زامانىۋى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلماقتا.»

ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندى مەرھۇم دادىسى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھارماس قوللىغۇچىسى مزاففەر ئۆزداغنىڭ 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان تۈركىي خەلقلەر پەيدا بولغاندىن بۇيانقى مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى بولۇپ كەلمەكتە. تۈركلەرنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرى ھېسابلىنىدىغان، ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر ۋە قاراخانىيلار دۆلەتلىرى مەزگىللىرىدە بۇ زېمىن خەلقى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۈگۈن يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولماقتا».

مۇزاففەر ئۆزداغ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار 1884-يىلى بېسىۋېلىنغان بولسىمۇ، 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. مەرھۇم مۇزافەر ئۆزداغ 1990-يىللاردا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «كېيىنكى 200 يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم دۈشمىنىنى يېڭىپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستان كېيىنكى 40 يىل ئىچىدە ئېغىر يارىدار بولۇپ، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا. سېرىق ئەجدىھانىڭ پەنجىسى ئاستىدا جان تالاشماقتا. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ بېسىم سىياسىتى ئۇزۇن مۇددەتتە خىتايغا زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.»

مەرھۇم مۇزاففەر ئۆزداغ ئەپەندى تۈرك دۇنياسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دەۋاسىغا زور تۆھپە قوشقان كىشى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئۆزىنىڭ 1994-يىلىدىن باشلاپ مۇزاففەر ئۆزداغنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ «تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيەسى» ناملىق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مۇزاففەر ئۆزداغنىڭ ياشانغانلىقىغا قارىماي گېرمانىيەدە چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتىيىغىمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇزاففەر ئۆزداغنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ توغرا چىققانلىقى» نى بايان قىلدى.

مۇزاففەر ئۆزداغ 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.