دوكتور ئەركىن ئەكرەم: ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئىز باسارلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت پىلانى بولۇشى كېرەك

0:00 / 0:00

ياشلار ھازىرنىڭ ئاۋانگارتلىرى، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئىگىسى، ھېجرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە. ياشلار ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئىزباسارلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلاشقان سىياسىي ۋەزىيىتىگە ماھىر، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى ھەقىقىي يوسۇندا داۋاملاشتۇرالايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە تۈرلۈك مۇرەككەپ رىقابەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

بۈگۈن بۇ تېمىنى مۇلاھىزە قىلىشنى تۈركىيە ئىستراتېگىيە چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە ھاۋالە قىلدۇق، ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىستراتېگىيە ئىلمى بويىچە باھا بەرگەندە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېتەكلەشتە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ياشلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ خۇلاسىلەنگەن، ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تۈزۈلگەن، ياشلارغا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، كەسىپلەشكەن مۇنتىزىم تەربىيىلەش ئىستراتېگىيىسى، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلاردا ئورتاق بىر قىممەت قارىشى تىكلەش ھەرىكەت لايىھىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.