غەربنىڭ كەتمىنى ئۇيغۇر، شەرقنىڭ دەرتمىنى ئۇيغۇر

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2021-05-14
Share
غەربنىڭ كەتمىنى ئۇيغۇر، شەرقنىڭ دەرتمىنى ئۇيغۇر
RFA_Sintash

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى غەربتە ھېسسىداشلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، شەرقتە بۇنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شەرق مۇسۇلمان ئەللەردىكى ھەر قاي مەتبۇئاتلاردا بۇ قىرغىنچىلىققا تۈرلۈك چۈشەنچە بېرىشلەر ۋە شەرھىلەشلەر قايناپ، مەتبۇئات، يىغىن ۋە تۈرلۈك مۇھاكىمىلەردىن ئورۇن ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرغا ئەڭ ئاسان تەسىر قىلىدىغان ئەرەبچە ۋە تۈركچە قاناللاردا بۇ ھېسسىداشلىقنىڭ مەنپەئەتنى مەنبە قىلغانلىقى ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق مەنپەئەت تەلىماتى يەنە مالايچە، ھىندونېزىيەچە، بېنگالچە، پارسچە ۋە ئوردۇچە مەتبۇئاتلاردا تەكىتلىنىپ، ئۇيغۇرنىڭ بېشىدا ئەلەڭگىۋاتقان ھالاكەت سايىسىنى شۇ تىللاردا سۆزلەيدىغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا گۇمانلىق پاراڭغا، شۈبھىلىك سۈيىقەستكە ۋە چايدىن كېيىنكى ئىچ پۇشقىغا ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مەنپەئەت نوقتىسىدىن چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەرەبچە ۋە تۈركچە خەۋەرلىنىدىغان سەرخىللار بىلەن غەرپ تىللىرىدا ئۇچۇرغا ئېرىشىدىغان زىيالىلارغا ئورتاق بولۇشى دىققەتكە سازاۋەر. بۇنداق قاراشلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بارغانچە يېيىلىشقا باشلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە قارشىلىقلارنى غەربنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانغا چىقىرىش كۆپىيىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قاراشتىكى سىنلىق سۆھبەتلىرى، ئاۋازلىق تەبلىغلىرى ۋە تۈرلۈك يازمىلىرىنىڭ يۇقۇرى نىسبەتتە كۆرۈلۈشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. بۇنداق مەنپەئەت تەلىماتى مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار ئومۇمىييۈزلۈك سۆيىدىغان ئەرەبچە ۋە تۈركچە ئارقىلىق ئەقىللەردىن ئورۇن ئېلىشى پاراڭ، سۆھبەت ۋە مۇلاھىزىلىرىدە كۆرۈلۈشى كىشىنى تەئەججۈپكە سالىدۇ.

2021-يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۇيغۇرغا بولۇۋاتقان خەلقئارالىق ھېسسىداشلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلىق سەھنە تۈركچە ۋە ئەرەبچە مەتبۇئاتلار بولۇۋاتىدۇ. تەشۋىقات ھەرىكىتىدە خىتاي شەرق مۇسۇلمان ئەللەردىكى غەرب ئۆچمەنلىكىدىن ۋاستە تاللىماي پايدىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ياللىۋالغان چەت ئەللىك دېپلۇماتلار، تەتقىقاتچىلار، ئوقۇغۇچىلار، ساياھەتچىلەر ئۇيغۇردىكى قارشىلىقنى ۋە بۇ قارشىلىققا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنى غەربتىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان قىلىپ كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي مارتتىن بۇيان تارقاتقان بىر يۈرۈش سىنلاردا غەربنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھېسسىداشلىقلىرى مەنپەئەت، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايدىكى «بەختلىك» ھاياتىدىن قىزغىنىش، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش قاتارلىق نوقتىلاردىن چۈشەندۈرۈلگەن. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىغا چېتىلىپ تۆھمەت قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا باغلاپ قارا سۈركەلگەن.

خىتاي تەشۋىقاتى ئاپىرىلدا تارقاتقان «يوشۇرۇن ئېقىن» دېگەن فىلىمدە ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقان بارلىق قارىشلىقنى مەۋجۇتلۇقتىن قالغان «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دېگەن تەشكىلاتقا باغلىغان ئىدى. شۇندىن كېيىنكى بىر مۇخبىرلارنى كۈتېۋېلىش يىغىنىدا خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنى ئامېرىكانىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى ئىما قىلدى. تۈركچە ۋە ئەرەبچە تەشىۋاتقاتلاردىمۇ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى ئامېرىكانىڭ پېچكىسى قىلىپ تەسۋىرلەش ئەۋج ئالغان بولۇپ، جۈملىدىن بۇ تور دۇنياسىدا تېخىمۇ كەڭرى يېيىلماقتا. بۇنىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى كەيىپىياتى كۈچلۈكرەك بولغان مۇسۇلمان دۇنياسىنى نىشانغا ئالغانلىقى شۈبھىسىز.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ياللانمىلىق دەپ چۈشەندۈرىۋاتىدۇ. خىتاي تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇردىكى تۈرلۈك قارشىلىقلارنى، ئۆكتىچىلىكلەرنى ۋە نارازىلىقىلارنى «غەربنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە ماسلاشقانلىق، ئۇلارنىڭ كەتمىنىنى چاپقانلىق» دېسە، بۇنى قوللاۋاتقان، يېتەكلەۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان ئاكتىپلارنى غەربنىڭ پۇلىغا دۈم چۈشكەن ياللانىمىلار دەپ ئىزاھلاۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە تىنچ يول بىلەن زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشىنى «غەربكە كەتمەن چېپىش» دەپ قاراش ئۇيغۇرلاردىمۇ خېلىدىن مەۋجۇت ئىدى. بولۇپمۇ غەربتە نامايىش، يىغىن ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇۋاتقانلارنى  «غەربنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغانلار، ئامېرىكانىڭ ئىسسىق يوتقىنىغا دۈم چۈشكەنلەر، قۇرۇق گەپ قىلىدىغانلار» دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانغا يىگىرمە يىلدىن ئاشتى.

ئۇيغۇردىكى قارشىلىقنىڭ غەربتىكى يۆلىكى خىتايغىمۇ، ئۇيغۇرغىمۇ، دۇنياغىمۇ كۈندەك رۇشەن، ئەمما قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ شەرقتىكى مەنبەسىنى نە شۇ ئىشنىڭ ساھىپلىرى ئاشكارىلىمىدى، نە خىتاي بۇنداق مەنبەلەرنى ئەيىبلەپ باقمىدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا شەرقتىن كېلىدىغان، شەرق مۇسۇلمان ئەللەردىن تەمىنلىنىدىغان ئىقتىساد ئىزچىل سىرلىق بولۇپ كەلدى.

 خىتاي ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى غەربتىن نەپلىنىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. ئۇنداقتا، بۇ ئەمەلىيەتمۇ؟ ياق. خىتاي دائىم ھۇجۇم قىلىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرلارنى «قۇترىتىش» ئۈچۈن قۇرۇلغان ئەمەس، مەزكۇر رادىيو 1996-يىلى قۇرۇلۇپ، تۇنجى تەسىس قىلىنغان تىل ئۇيغۇرچە ئەمەس، خىتايچە. ئۇيغۇرچە 1998-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى دېكابىردا قوشۇلغان بولۇپ ئاڭلىتىش ۋاقتى يېرىم سائەت ئىدى. ئامېرىكا قوللاۋاتىدۇ دېيىلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقتى 2005-يىلدىن كېيىن.

ئۇيغۇرلار شەرقتىن نەپلەنمەمدۇ؟ ياق. غەرپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر رادىيودا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش تەسىس قىلغان بولسا، شەرق مۇسۇلمان ئەللەردىن تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ رادىيودا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى يولغا قويغان. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھرىگە جايلاشقان ئۇيغۇرچە رادىيو قانىلى 1982-يىلى بىر سائەتلىك ئاڭلىتىش بىلەن باشلانغان، 1999-يىلى ئىككى سائەتكە چىقىرىلغان. ئۇيغۇرلار غەربكە كەتمەن چېپىۋاتىدۇ، دېگەن سۆز توغرا بولسا، تۈركىيە ۋە ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرچە رادىيو شەرققە كەتمەن چېپىۋاتقان بولامدۇ؟ ھالبۇكى، نېمە ئۈچۈن خىتاي تەشۋىقاتى غەربتىكى ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ-يۇ، شەرقتىكى بۇ ئۇيغۇرچە ئاۋازغا ھۇجۇم قىلمايدۇ؟

ئۇيغۇرنىڭ داۋاسىغا بەلگىلىك ئىقتىساد ئاجراتقان ئامېرىكادىكى دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بۇنى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا مەخپىي ئاجراتقان ئەمەس. مەبلەغقە بۈگۈنكىدەك قىرغىنچىلىققا ئۇچىرىمايۋاتقان تېبەتلەر، خىتايلار، ئاراكانلىقلار، ۋېيتناملىقلارمۇ ئېرىشىۋاتىدۇ. مەزكۇر فوند دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي دېموكراتلىرىغىمۇ، دۇنيادىكى باشقا دېموكراتچى كۈچلەرگىمۇ ئىقتىساد ئاجرىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئامېرىكادىن ئېرىشكەن قوللاش ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز بۈگۈنكى ھالغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى يىللىق پىلانلارنى يوللاش، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ۋە ئورۇنلانغان خىزمەتلەردىن دوكلات قىلىش، قايتا ئىلتىماس قىلىش بەدىلىگە كەلگەن. قوللاشنىڭ ئاز-ئازدىن كۆپلەپ مېڭىۋاتقانلىقى قىلىنىۋاتقان خىزمەتنىڭ نەتىجىسىدۇر.

غەربنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى قوللىشى قەيەردىن كېلىدۇ؟ بۇ ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى، دېموكراتىك تۈزۈمنى، ئادالەتنى، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىنى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكنى دۇنياغا يېيىشنى مەقسەت قىلغان دۆلەت ئەنئەنىسى، سىياسىي مەدەنىيىتى ۋە خەلقئارا غايىسىدىن كېلىدۇ. مەزكۇر غايە ئۈچۈن ئامېرىكا تۈرلۈك ئەل ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىدۇ. غەربتە تۈزۈم خىتايغا ئوخشاش بىر شەخسنىڭ، بىر پارتىيەنىڭ ئىرادىسىگە باغلانغان ئەمەس. غەرب دېموكراتىك تۈزۈمىدە بىر پارتىيە ۋە بىر سىياسىيۇن پەقەت بىر قېتىملىق سايلامنىڭ غالىپى بولالايدۇ. غەرپتە بىر قېتىملىق ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر نۆۋەت كۆرۈشمىسىگە نائىل بولغان ئۇيغۇر داۋاگەر مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلار غەربنىڭ تۈزۈمى، قىممەت قاراشلىرى ۋە غايىسىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى دائىمىيلىققا ئىگە قىلىشقا تىرىشىدۇ.

 غەربنىڭ ئۇيغۇرغا ياردىمى ھېچ قاچان مەخپىي، پىلان-پروگرامماسىز، تەكشۈرۈش ۋە نازارەتسىز بېرىلمەيدۇ. ياردەمنى مەخسۇس ئۇيغۇرنى ئىزدەپ سوراپ بېرىدىغان ئىش تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق دەستەكنى ئېلىش ئۈچۈن مۇرەككەپ ئىلتىماس جەريانى كېتىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى بەلگىلىك خىزمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشى، مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇشى، تەلەپ قىلىنغان ئىقتىسادقا لايىق ئىقتىدارى بارلىقىنى بۇرۇنقى داۋالىرى ۋە خىزمەتلىرى جەريانىدا ئىسپاتلىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلاتلا ئىزچىل قوللاشقا نائىل بولۇپ كەلدى. قالغان تەشكىلاتلار ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشى بىلەن پائالىيەتلەرنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي غەربتىكى ئۇيغۇرغا يار يۆلەك بولۇپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى ئاشكارا ئەيىبلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما شەرقتىكى ئۇيغۇرلارغا مەبلەغ ئاجراتقان تەشكىلاتلار ھەققىدە ئېغىز ئاچقان يوق. بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللار دېموكراتىك يوللار بىلەن كۈرەش قىلىدىغان غەربتىكى ئۇيغۇرلار ئېرىشكەن ئىقتىسادتىن گۇمانلىنىپ، تۈرلۈك پەرەزلەرنى، ھەتتا تۆھمەتلەرنى ئاشكارا دېيىشتىن قورقمايدۇ، ئەمما دىننى ۋاستە قىلىپ داۋا قىلىۋاتقان كۈچلەر 20 يىلدىن بېرى ئېرىشىۋاتقان ئىقتىساتنىڭ مەنبەسى ھەققىدە پەرەزلەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ، قويغان تەقدىردىمۇ نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، ھەر قانداق خاتالىقمۇ يوشۇرۇلۇپ ئاممىۋىيلاشمايدۇ. ئەمەلىيەتتە شەرقتىكى مۇئاش ئېلىپ ئىشلەيدىغان تەشكىلاتلار ۋە دەۋاگەرلەرنىڭ سانى غەربتىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ.

ئۇيغۇرغا قىرغىنچىلىق قىلىشتا شەرقنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن خىتاي، دېموكراتىك يوللارغا مۇراجىئەت قىلغان غەربتىكى ئۇيغۇرلارنى غەربنىڭ كەتمىنىنى چېپىش بىلەن قارىلاشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، بەلكىم خىتاي شەرقتە بەزى شەخس ۋە ئورگانلارنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىمۇ غەربتە شۇنداق سېتىلغانلار، ساتقۇنلار قاتارىدا ساناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي كومپاتىيەسى ئۆزىنىڭ دۆلىتىدە 80 مىليۇندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنى بىر مىليارت تۆت يۈز مىليۇن خەلقنىڭ قان تەرى بەدىلىگە بېقىۋاتقانلىقى ئۈچۈن غەربتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىمۇ غەرپ شۇنداق بېقىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىپ بېقىىندىلىق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، غەربتە ئۇيغۇرنى قوللاۋاتقانمۇ باج تاپشۇرىۋاتقان خەلق، بۇندىن كېيىن قوللايدىغانمۇ شۇ خەلقنىڭ ھۆرلۈك، ئادالەت ۋە دېموكراتىيەگە بولغان تەلپۈنۈشى، ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇر داۋاگەرلەرنى «غەربنىڭ قونچىقى، غەربكە كەتمەن چاپىدۇ، غەربنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» دەپ ئەيىبلىشى دەل خىتاينىڭ ئۆزىدىكى شەرقچە ئاجىزلىقنىڭ، ئۆزىدىكى خۇينىڭ، ئۆزىدىكى سىياسىي نەيرەڭنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت