ئۇيغۇر دىنىي زىيالىي: خىتاي تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بىر بىرىگە قارشى سالماقتا

0:00 / 0:00


خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تۈرلۈك چەكلىمىلەر، باستۇرۇشلار ئارقىلىق كۈچەيتكەندىن باشقا، تەشۋىقات ساھەسىدە ئاتالمىش «دىنىي رادىكالىزمغا قارشى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى» نى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى قايمۇقتۇرماقتا.

دائىرىلەر مەزكۇر پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلارنى ئىشقا سالماقتا. خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىش مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي بىلەن بۇ توغرىلىق ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاي يېتىشتۈرگەن تەشۋىقاتچىلارنى كۈچلۈك تەنقىد قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» ھېلىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىر بىرىگە قارشى سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.