ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسىگە ئائىت قوليازما ئەسەرلەر ۋە ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان ھېكمەتلەر

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2023.11.22
shahname-jerring شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا تۈركولوگ گۇننار يارىڭ (Gunnar Jarring) نامىدا ئاتالغان «يارىڭ كوللېكسىيونى (يىغمىلىرى) » دا ساقلىنىۋاتقان «شاھنامە» نىڭ بىر قانچە ۋارىقى.
شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى

 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى تەسىرىدىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش ۋە ئوقۇش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھالبۇكى بۇ خىل ۋەزىيەتتە، چەت ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قىسىم يازما يادىكارلىقلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسىگە ئائىت ئىنتايىن قىممەتلىك قوليازمىلارنىڭ بارلىقى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يىللاردا قەشقەردە يېزىلغانلىقى مەلۇم بولغان بۇ قوليازمىلار ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتا بىر ئۈمىد يۇلتۇزىغا ئايلانغۇسى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قوليازمىلار نۆۋەتتە، شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا تۈركولوگ گۇننار يارىڭ (Gunnar Jarring) نامىدا ئاتالغان «يارىڭ كوللېكسىيونى (يىغمىلىرى) » دا، شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرىنى ئاساس قىلغان 560 پارچە ئەسەر قاتارىدا ساقلانماقتا. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرلارغا ئائىت 3-چوڭ قول يازما ئەسەرلەر مەجمۇئەسى بولۇپ، ئاساسلىقى كىلاسسىك ئەدەبىيات، ئىسلام دىنىغا ئائىت قول يازمىلار، قانۇن ۋە تارىخىي ۋەسىقىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم بولغانلىرى تەزكىرە ۋە رىسالە ژانىرلىرىدىكى ئەسەرلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېبابەتچىلىككە ئائىت رېتسېپلار، تىجارەت دەستۇرلىرى، تەسەۋۋۇپ كىتابلىرى ۋە مىسسىيونېرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت ماتېرىياللارمۇ بار.

قوليازمىلارنىڭ كۆپ قىسمى گۇننار يارىڭ ئەپەندى تەرىپىدىن ئۆز ئانا مەكتىپى لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىئانە قىلىنغان بولۇپ، كېيىن شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ قەشقەر، يەركەنت قاتارلىق جايلاردىن توپلىغان ئەسەرلىرى بىلەن تېخىمۇ تولۇقلانغان. يارىڭ ئەپەندى بۇ قوليازمىلارنى ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستانلىق كىتابپۇرۇشلاردىن سېتىۋېلىش يولى بىلەن توپلىغان. كېيىنچە شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا قەشقەردىن يىپەك يولىنى بويلاپ، كارۋان ئاتلىرىغا ئىككى قەلەي تۇڭغا قاچىلانغان قوليازمىلارنى ئارتىپ، پامىر تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئاخىرى يۇرتى شىۋېتسىيەگە يېتىپ بارغان.

لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «ياررىڭ يىغمىلىرى» غا ئائىت بولغان قوليازما ئەسەرلەر قاتارىداProv. 207  نومۇرلۇق ئارخىپتا ساقلىنىۋاتقان «بىر بازار كۈننىڭ بايانى» ناملىق ئەسەر
لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «ياررىڭ يىغمىلىرى» غا ئائىت بولغان قوليازما ئەسەرلەر قاتارىداProv. 207 نومۇرلۇق ئارخىپتا ساقلىنىۋاتقان «بىر بازار كۈننىڭ بايانى» ناملىق ئەسەر
لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن توپلانغان قوليازمىلار بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر ئەسىر بۇرۇنقى ۋەزىيىتى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشتا، شۇنداقلا چەت ئەللىكلەرنىڭ «ئالتەشەھەر» ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشىدە بولسۇن، نۇرغۇن تۈگۈنلەرنى يەشكۈچى ۋە ھەقىقەتنىڭ بايانچىسى بولۇش قىممىتىگە ئىگىدۇر. ئانتروپولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئىلدىكو بېللېرخان (Ildikó Bellér-Hann) «بۇ قوليازمىلار ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما ئەدەبىياتنىڭ پاراللېل ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىدىن ئىبارەت» دەپ قارايدۇ.

تۆۋەندە نۇقتىلىق ھالدا «يارىڭ يىغمىلىرى» غا ئائىت پرۇۋ 207 (Prov. 207) نومۇرلۇق ئارخىپتا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسىگە ئائىت قوليازمىلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:

بۇ قوليازمىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق تۈركولوگ گۇننار يارىڭنىڭ ئۇستازى تىلشۇناس گۇستاف راكېت (Gustaf Raquette) تەرىپىدىن شىۋېتسىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم. ئۇ 1896-يىلدىن 1901-يىلغىچە قەشقەردە، 1904-يىلدىن 1911 يىلغىچە يەركەنتتە مىسسىيونېر ۋە دوختۇر بولۇپ تۇرغان. ئىككىنچى قېتىم 1913-يىلدىن1921-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاندا قايتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ قەشقەردە كېسەللەرنى داۋالاش بىلەن بىرگە مىسسىيونېرلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن.

پرۇۋ 207-نومۇرلۇق ئارخىپتا جەمئىي 169 ياپراقچە بولۇپ، قوليازمىلار گۇننار يارىڭ كوللېكسىيونىدىكى باشقا رىسالە ۋە تەزكىرە، ئەدەبىي ئەسەر قاتارلىق قوليازمىلار بىلەن ئۇسلۇب ۋە تىل جەھەتتىن روشەن پەرقلىنىدۇ.

 قوليازمىلار خوتەن قەغىزى ۋە يوللۇق پەرەڭ قەغەزلىرىگە رەتلىك كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ھەجمى بىر بەتتىن بەش بەتكىچە كېلىدىغان قىسقا تېكىستلەردىن تەركىب تاپقان. ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىق قائىدىسى بويىچە ئاتىغاندا، بۇ ئەسەرلەر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى نەمۇنىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. گۇستاف راكېت ۋە گۇننار يارىڭ ئەپەندىلەر ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستان رايونىدا قوللىنىلغان «چاغاتاي تۈركچىسى» دەپ ئاتالغان تىلدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا كۆچۈش ئارىلىقىدا قوللىنىلغان ئۆتكۈنچى دەۋردىكى ئەدەبىي تىلنى «شەرقىي تۈركىي تىلى» دەپ ئاتاشنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدۇر. تەتقىقاتچى ئەسەت سۇلايمان ئەپەندى بۇ تىل ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ «قەشقەر باسما بۇيۇملىرى» ئاساسىدىكى تىل تەتقىقات ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىي تىلىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋردە جەنۇبىي بوستانلىق خەلقىنىڭ، ئاساسلىقى قەشقەر ۋە يەركەنت تەۋەسىدە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ جەنۇب شېۋىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بۇ ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى مەسئۇل خادىمىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىزنى بۇ ئەسەرلەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھەققىدە تېخىمۇ توغرا مەلۇماتقا ئىگە قىلىدۇ. ئىزاھاتلارغا قارىغاندا، بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەر تىلشۇناس گۇستاف راكېتنىڭ ئالاھىدە تەشەببۇسى بىلەن يەرلىك كىشىلەرگە بۇيرۇتۇپ يېزىلغان ئىكەن. گۇستاف راكېتنىڭ «شەرقىي تۈركىي گىرامماتىكىسى» ۋە «شەرقىي تۈركى-ئىنگلىزچە لۇغەت» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە بۇ قوليازمىلاردىن پايدىلانغانلىقى ۋە ئۈلگىلىك سۆز-جۈملە قاتارىدا ئۆرنەك كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك خادىملار بۇ ئەسەرلەرنىڭ يىل دەۋرىنى 1905-1910-يىللىرى دەپ پەرەز قىلىدۇ.

 قوليازما ئەسەرلەردە مۇئەللىپ ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، ئىلگىرى گۇننار يارىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى كاتالوگىدا ئېنىق چۈشەنچە يېزىپ قالدۇرغان. ئەسەرلەرنىڭ باش قىسمىنىڭ، يەنى ئالدىنقى 117 بەتنىڭ ئاپتورى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن مۇھەممەت ئالى داموللا، كېيىنكى قىسمىنىڭ، يەنى قالغان 52 بەتنىڭ ئاپتورى بولسا پۈتكۈل قەشقەر رايونىدا يۈز-ئابرۇي قازانغان موللا ئابدۇۋەلى ئاخۇن ئىدى. مەزكۇر قوليازما ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا، مۇئەللىپنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە، چوڭقۇر بىلىم قاتلىمى ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپاسىغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. ئوقۇرمەنلەر بولۇپمۇ ئىككى مۆتىۋەرنىڭ ئۇيغۇر فولكلورى، ئۆرپ-ئادىتى ھەققىدىكى مۇپەسسەل بىلىمى ۋە دىنىي ئىلمىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.

 شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر فولكلورىغا ئائىت قوليازمىلار (Prov. 207) دىن باشقا يەنە، يەركەنتلىك موللا ئابدۇلقادىر تەرىپىدىن يېزىلغان Prov. 464 (100بەت) ۋە دوكتور نۇرلۇق تەييارلىغان Prov. 212 (142بەت) قاتارلىق قوليازمىلارمۇ بار.

مەزكۇر قوليازما ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك، ئەسەرلەر مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇش ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن تۈرگە ئايرىغاندا، ئاساسلىقى تەبىئەت ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ھەققىدىكى بايانلار، روھىي دۇنيا ھەققىدىكى بايانلار ۋە كىشىلىك ئالاقە، مۇراسىم-يوسۇن قاتارلىق ئۈچ چوڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەرنىڭ تولۇق تىزىملىكى گۇننار يارىڭ تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلىدا تەييارلانغان بولۇپ، ئىككى يۈزگە يېقىن تېمىدىكى ئەسەرلەردىن تەركىب تاپقان. بۇلاردىن ئۆرنەك سۈپىتىدە «پۈتۈكچىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى» ، «كىتاب ئوقۇماقنىڭ بايانى» ، «يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ بايانى» ، «كىيىملەرنىڭ بايانى» ، «نەغمىچىلەرنىڭ بايانى» ، «بالىنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ بېقىشنىڭ بايانى» ، «دارۋازنىڭ بايانى» ، «جەڭ قىلىشنىڭ بايانى» ، «سەرراپلىق ۋە بانكىنىڭ بايانى» ، «بىساتنىڭ بايانى» ، «پېرە ئويناشنىڭ بايانى» ۋە «كەپتەربازلارنىڭ بايانى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

توپلامدىكى ھەر بىر ئەسەر ئۆز نۆۋىتىدە بىر دۇردانە بولۇپ، مەيلى تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسىگە ئائىت مەزكۇر قوليازما ئەسەرلەر، بۈگۈنكى كۈندە بىزگە يېتىپ كەلگەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خەزىنىسىدىكى يېگانە ئەسەر بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ قىممىتىنى نامايان قىلماقتا. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى، بۇ ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان ئۆرپ-ئادەت، كىيىم-كېچەك، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ھۈنەر-كەسىپ، ئويۇن-تاماشا قاتارلىق دېتاللار جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ياكى سىياسىي-ئىقتىسادىي بېسىملار تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي ئىستېمالدىن قالغان، نام-ئاتىلىشلىرىمۇ تارىخ بېتىدىن ئۆچۈشكە يۈزلەنگەن. «جۇۋان تويى» ، «ساچباغ تويى» قاتارلىق مۇراسىملار بۇنىڭ مىسالىدۇر. «سەرگەزچىلىك» ، «باپكارلىق» ، «موزدۇزلۇق» قاتارلىق ھۈنەر-كەسىپلەرمۇ ھازىر يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. ئۇندىن باشقا ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان، ئەمما ھازىر نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بىر قىسىم ھايۋان، قۇش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارغا ئائىت بايانلار جەمئىي 10 پارچە ئەسەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، «مۇرغلارنى تۇتۇشنىڭ بايانى» ، «سايرىغۇچلارنىڭ بايانى» ۋە «كومشارلىق ھايۋانلارنىڭ بايانى» قاتارلىق ئەسەرلەردە ھازىر تېپىلمايدىغان جاغالمان، قۇرغۇي، داۋغان، ۋە ھانغۇق (ھاڭگىت) قاتارلىق ھايۋان ۋە قۇشلار تىلغا ئېلىنغان.

لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ قىممەتلىك قوليازما ئەسەرلەر خېلىدىن بۇيان دۇنيادىكى تىلشۇناسلار، فولكلور تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئەسەرلىرىنى مۇھىم مەنبە بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

 تۈركولوگ گۇننار يارىڭ بۇ جەھەتتە تۆھپە قوشقان ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ تىرانسكرىپسىيەسى (ئوقۇلۇشى) نى ئىشلىگەن ھەتتا ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، سۆزلۈكلەر بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلغان. ئۇيغۇرشۇناس ئىلدىكو بېللېرخان خانىم) Ildikó Bellér-Hann) ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي قاتلاملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا مۇھەممەت ئالى داموللا يازغان تېكىستلەرنى مۇھىم مەنبە قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە شۇ مەنبەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئالتەشەھەر» دەپ ئاتالغان جايلىرىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە دىيالوگلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.

يىغىپ ئېيتقاندا، شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان Prov. 207 نومۇرلۇق ئارخىپتىكى قوليازما ئەسەرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسىگە ئائىت تېپىلغۇسىز بىباھا گۆھەردۇر. بۇ قوليازمىلار ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى بولۇپ، يېقىنقى 150 يىللىق تارىخىي، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى تەتقىق قىلىش، ئىزدىنىشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. قول يازمىلار پەقەت فىلولوگىيەلىك تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ۋەزىيىتى، تېببىي داۋالاش، قانۇن-تۈزۈم، مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىمۇ زور قىممەتكە ئىگە.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
Wang-yi-AP
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.