مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئەرەب دۇنياسىدىمۇ بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە توختالغان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئەرەب دۇنياسىدا ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇئەييەن دەرىجىدە ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەسىلىسى ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئىسلام ئەللىرىدىكى ئىنكاسلار ئىلھام توختىغا ئاممىۋى شەكىلدە ھېسداشلىق بىلدۈرۈش، يەنى ئوپچە دۇئا قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ئەمىنلىك تىلەش، بەزى ماقالىلەردە ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىش دەرىجىسىدە توختاپ قالغان.
ئۇنداقتا ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىسلام ئەللىرىدە قايسى دەرىجىدە تونۇلدى ۋە تونۇتۇلغان؟
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.