تۈركىيەدىكى يېڭىچاغ گېزىتىدە ئىلھام توختى توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.02.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
21-esirning-sultan-galiyewi-ilham-toxti.jpg تۈركىيەدىكى يېڭىچاغ گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «21-ئەسىرنىڭ سۇلتان گالىيەۋى ئىلھام توختى» ماۋزۇلۇق ئوبزور.
yenicaggazetesi.com.tr

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان يېڭىچاغ گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى سانىدا «21-ئەسىرنىڭ سۇلتان گالىيەۋى ئىلھام توختى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى.

جازىم گۈربۈز ئەپەندى يازغان ماقالە شۇنداق باشلانغان: «ماۋ زېدۇڭ قەيەردە بېسىم بولسا شۇ يەردە نارازىلىق بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم بار. ئۇيغۇرلار بۇ بېسىمغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى چىداپ كەلمەكتە. بۇ گەپنى نەدىن تاپتىممۇ؟ ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى، تەرجىمىھالى ۋە كۈرەشلىرى بايان قىلىنغان بىر كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. مەزكۇر كىتاب شىرا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹تۈرمىدىكى لىدېر ئىلھام توختى، يولۇم، غايەم ۋە ئۇيغۇرلار› ناملىق كىتابتۇر.»

ئۇ، ئوبزورىدا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىلھام توختىنىڭ ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ دۇنيادا تونۇلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەم خىتايدا، ھەمدە چەتئەلدە كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ سىياسەت بىلەن شۇغۇللانماي ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە چىدىيالماي قارشى چىققانلىقىنى بايان قىلغان.

جازىم گۈربۈز ئەپەندى ئوبزورىدا ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دېگەن تەلەپلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن سىياسەتچى ئەمەس، مەن ئوقۇتقۇچى. مېنىڭ خىتايدىن تەلەپ قىلىدىغىنىم، پەقەت ئادالەت ۋە تەڭ باراۋەرلىك. مەسىلە تىنچلىق، باراۋەرلىك ۋە سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت.»

جازىم گۈربۈز ئەپەندى «21-ئەسىرنىڭ سۇلتان گالىيەۋى ئىلھام توختى» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەل نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرنى تۈرمىگە تاشلاۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەر ئۇيغۇرلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي دۆلىتىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى يېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە تاشلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جازىم گۈربۈز ئەپەندى 14-فېۋرال كۈنى يېڭىچاغ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇرۇن خىتاي نوپۇسى 6% بولسا، بۈگۈن 40% گە چىققان، ئۇيغۇر رايونىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ؟ چۈنكى بۇ يەردىكى تەرەققىياتتىن ئۇيغۇرلار نېسىۋىسىنى ئالالمايدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئەڭ نامرات مىللەتلەر قاتارىدا» دەپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ، ئانا تىلىدا مائارىپ ئېلىپ بېرىشىنىڭ، قىسقىسى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئىلھام توختى ھەققىدە كىتاب يازغان ۋە مەزكۇر كىتابنى ئۆزىگە سوۋغات قىلىپ بەرگەن ھامىت گۆكتۈرككە رەھمەت ئېيتقاندىن، 21-ئەسىرنىڭ سۇلتان گالىيەۋى بولغان ئىلھام توختىغا ھەر دائىم ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئوبزورچى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت جوئې ھامىلتوننىڭ ئىلھام توختى ئۈچۈن يازغان «سەن قايتقۇچە» دېگەن ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى بەرگەن.

ئوبزورچى جازىم گۈربۈز ئەپەندى، ئىلھام توختىنى سۇلتان گالىيەۋگە ئوخشاتقان. ئۇنداقتا سۇلتان گالىيەۋ كىم؟ سۇلتان گالىيەۋ 1892-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى باشقۇردىستاندا تۇغۇلغان تاتار بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ سوتسيالىست تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇ كۆپ قېتىم تۈرمىگە تاشلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان بولۇپ، 1940-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 1990-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىتىبارى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

بىز ئوبزور ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئوبزوردا ئىسمى ئۆتكەن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقاتى مەركىزى مۇدىرى ھامىت گۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.