ئىلھام توختىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سوتى ھەققىدە ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

خىتاي سوتى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرماقتا. غەرب تاراتقۇلىرىدا ئىلھام توختى سوتىنىڭ قانۇنىي تەرتىپلىرىنىڭ مۈجمەللىكى ھەمدە ئادالەتسىز ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى ھەققىدىكى جىددىي مۇھاكىمىلەر قانات يايماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇ خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى نۇقتىسىدىن ئىلھام توختىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سوتى ھەمدە ئۇنىڭ قانۇنىي تەرتىپلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

ئىلھام توختىنىڭ سوتى قانۇنىي تەرتىپ ۋە پرىنسىپلارغا خىلاپ سوت

ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە سوتلىنىشى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغىچە بولغان پۈتكۈل جەريانلارنىڭ قانۇنىي پرىنسىپلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۆزى تۈزگەن قانۇن تەرتىپلىرى بىلەن قانۇنىي پرىنسىپلارغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭ نوپۇسىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە سوتلىنىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئەمەس، بەلكى سىياسىي بۇيرۇق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە ئىلھام توختى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئېغىر جازا ھۆكۈمىنىڭ قانۇنغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى سىياسەتچىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئېغىر جازا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيۇشتۇرغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سوتتىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن دەسمايە بولىدىغان ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئېغىر جازانىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىگە شۇنداقلا قەلبىدە مىللىي ۋىجدان تۇيغۇسى بار سەرخىللارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلھام توختىنىڭ سوتى خىتاي سىياسىتىنىڭ «قانۇن» تونىغا ئورىنىپ كۆرۈنۈشىدۇر

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئىلھام توختى دېلوسىنىڭ خىتايدىكى سىياسىي تۈسى قويۇق دېلو ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى «قانۇن» تونىغا ئوراپ جامائەتچىلىككە كۆرۈنۈش ياساۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلھام توختىنىڭ ليۇ شاۋبودىنمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىندۇر

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئىلھام توختى بىلەن خىتاي دېموكراتچىسى ليۇ شاۋبونىڭ ئوخشاش بولمىغان تەقدىرىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«ليۇ شاۋبو بىلەن ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرىدىكى ئوخشىماسلىقلار ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز تەۋەسىدىكى مىللەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدۇر. ئەمەلىيەتتە ئىلھام توختى قىلغان گەپلەرنى ۋە تەشەببۇسلارنى خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ليۇ شاۋبومۇ دېگەن. ھازىر خۇ جيامۇ، ۋاڭ لىشيۇڭمۇ ۋە تېڭ بياۋمۇ دەۋاتىدۇ. ئىلھام توختىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى.»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.