ئىلشات ھەسەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، سۈكۈتنى بۇزىدىغان ۋاقتى كەلدى!»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.04.12
ilshat-hesen-demokratchi-xitay-teshkilatliri-yighin.jpg ئامېرىكىدىكى دېموكراتچى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 30-سېنتەبىر.
Social Media

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى يەنىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىش، بايانات ئېلان قىلىش قاتارلىق ھەر خىل يوللار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاشكارىلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىماقتا.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قارشى كەيپىياتقا قارىتا خىتاي دائىرىلىرىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان تەقىب ۋە تەھدىتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قىسماققا ئېلىپ ۋە تۇتقۇن قىلىپ، ھەتتا ئۇلارنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» سولاپ، شۇ ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنى توسماقچى بولغان.

10-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ «بوشۈن تورى» دا ئېلان قىلىنغان«ئۇيغۇرلار ئورنۇڭلاردىن دەست تۇرۇڭلار، زۇلۇمغا قارشى ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىتىڭلار» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە دەل يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ۋە تەھدىتلىرىگە باش ئەگمەسلىككە، يۇرتلىرىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارىلاشقا، خىتاينىڭ زۇلۇمىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن دۇنياغا ئاڭلىتىشقا چاقىرغان.

ماقالە ئاپتورى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ماقالىنى يېزىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى ئاڭلاتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەھدىتنى كۈچەيتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېسداشلىقنى ئاجىزلاشتۇرۇش شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان تەنقىدى پىكىرلەرنى سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەھدىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زور كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى توسالمىغانلىقىنى، ئەمما يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاۋاز قوشماسلىق، ئۇيغۇر جامائىتىدىن قېچىش، ھەتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشتىن قورقۇپ سۈكۈتتە تۇرۇشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى ئورنىدىن دەست تۇرۇشقا، داۋاملىق سۈكۈت قىلماسلىققا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى دادىللىق بىلەن ئاڭلىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ئېغىرلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇقمۇ يەنە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ھەيران ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مايا ۋاڭ خانىم يەنە تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مايا ۋاڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش پسىخىكىسى ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقۇش تۇيغۇسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ خەتەر كېلىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن بولغان ئىكەن. ئەمما ئۇ تۇتقۇندىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ئاشكارىلاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر تۇتقۇندىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكى، تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ۋە قەيەرگە قامالغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە ئېنىق، ئىشەنچلىك مەلۇماتلار «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» غا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ئەركىن تاراتقۇلارغا كۆپلەپ ئاشكارىلانسا، بۇ خىل پاكىتلىق ماتېرىياللار دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە پاكىتلىق ماتېرىياللارنى توپلىغىلى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇندىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگىلى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئىسپاتلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.