ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: «تېخىمۇ كۆپ غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.04.26
Margarita-bawze-xanim-enwerjan.jpg گېرمانىيەدىكى باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا باۋزې خانىم ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلدى. 2016-يىلى 2-دەكابىر، ميۇنخەن.
RFA/Ekrem

گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنت ئەزاسى مارگىرىتا باۋزى خانىم 22-ئاپرىل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 17-ماي كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى» مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مارگارىتا باۋزى خانىمنىڭ باياناتى ۋە گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانيە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن مارگىرىتا باۋزى خانىم ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بولغان مىكايىل براند ۋە فرانك شىۋابى قاتارلىق سىياسىيونلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەن.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بايانىدا بۇ سىياسىيونلارنىڭ گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلارنىڭ بۇندىن ئىلگىرىمۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا جىددىي دىققەت بېرىشنى ۋە بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىشنى ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى، گېرمانىيە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىشنى ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە فرانسىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيەگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنىدىغان ۋەزىيەت ھازىرلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن قارارىغا بولغان قايتۇرما ھۇجۇمىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان غەرپ دۆلەتلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان پاكىتلىق ئىسپاتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى، غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە بۇنداق بىر قارارنىڭ ئېلىنىشىغا قانۇنىي ئاسساس بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى» دەك بۇ جىددىي مەسىلىسىدە غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قارىتا ئورتاق بىر جازا تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.