فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «بىز ئامان، ئەمما ئەنسىزلىك ئىچىدە»

0:00 / 0:00

13-نويابىر كەچتە فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە بىر نەچچە جايدا قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ 130 دىن ئارتۇق ئادەم قازاغا ئۇچرىدى، دائىش ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋەقەدىن كېيىن فىرانسىيە چېگراسىنى تاقىدى ۋە دائىشقا قارشى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا جىددىي ھالەتنىڭ 3 ئاي داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ، بۇ يىل ئىچىدە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارىژدىكى قانلىق پاجىئەدىن كېيىن فىرانسىيە يەنە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق جەمئىيەت ئامانلىقىغا نىسبەتەن خەۋپ تەشكىل قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش، تېررورلۇق خەۋپى تۇغدۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان قوش پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەرنى گراژدانلىقتىن چىقىرىۋېتىشنى نىشان قىلماقتا.

ئۇنداقتا بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە جىددىي ھالەت فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە فىرانسىيەدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.