چەتئەللەردە 1933-1934-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تارىخچىلار تەتقىقات ئېلىپ باردى ۋە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدى. تۈركىيەدىكى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلماقتا.
12 نويابىر بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ «يېڭى ئاكت»گېزىتىدە، «دۇنيادا تۇنجى ئىسلامىي جۇمھۇرىيەت 80 يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
بۇ ماقالىنى «يېڭى ئاكت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى فەخرىدىن دەدە ئەپەندى يازغان بولۇپ، ماقالىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ۋە ئاساسىي قانۇنى توغرىسىدا توختالغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: زامانىۋى دۇنيادا ئىسلامىي جۇمھۇرىيەت نامىدا دەل 80 يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى. ئىسلامنى ئاساسى قانۇن قىلىپ قۇرۇلدى. پۇل بېسىش، پۇقرالىرىغا پاسپورت تارقىتىش قاتارلىق ئادەتتە بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك شەرتلىرىنى ئورۇندىغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قارشى زامانىۋى دەۋردىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق دۆلەت قۇرالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولدى. تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىدىكى مۇسۇلمانلار زامانىۋى دۇنياغا مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزلىرى قۇرغان دۆلەت بىلەن ئېتىراپ قىلدۇردى. بۇنىڭدىن دەل 80 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈممىۋىيىلەر، ئابباسىيلار ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتۇرلۇقىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەتلەردىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولدى.
1931-1934-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى
ماقالىدە دېيىلىشىچە، رايوندا مەۋجۇت بولغان خىتاي ئىشغالىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان مۇسۇلمانلار 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەرنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇردى. مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى دەسلەپتە 1931-يىلى قۇمۇلدا كېيىن 1932-يىلى تۇرپاندا كۈرەش باشلاتتى. خوتەندە 1933-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوماندانلىقىدا كۈرەشكە ئاتلانغان جەڭچىلەر خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ خوتەننى ئالغاندىن كېيىن يەكەن ۋە يېڭىسارغىچە ئىلگىرىلەپ كەلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تازىلىدى. قۇمۇل ۋە تۇرپاندىن كەلگەن كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە 1933-يىلى 12-نويابىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى توغرىسىدا كىتاب يازغان دوكتور ئالىمجان بۇغدا، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەشقەردىكى مەجلىسى قۇرئان ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش بىلەن ئېچىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى قۇرئان كەرىمىنى سۆيۈپ قەسەم قىلدى. يەكشەنبە كۈنى بولسا ئەسكەر ۋە قوماندانلار، دۆلەت ئەربابلىرى ياۋاغدىكى تاش كۆۋرۈك ئالدىغا توپلاندى ۋە 41 پاي توپ ئاتتى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق دۆلەتنىڭ رەسمىي بايرىقى بولدى، ئىسلام ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىلىشى مەقسەتتە شەرقىي تۈركىستان ھاياتى نامدا گېزىت نەشر قىلىندى. مۇستەقىللىق بەلگىسى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى نامىدا پۇل باستۇرۇلدى ۋە رايوندا خىتاي پۇللىرىنى ئىشلىتىش چەكلەندى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرىئەتنى ئاساس قىلغان مەھكىمە قۇرۇلدى ۋە 30 ماددىلىق ئاساس قانۇننى ھازىرلىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇممۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئەينى زاماندىكى ئىنقىلابنىڭ تىز غەلىبە قىلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، شۇ دەۋردىكى خەلقنىڭ گەرچە ئىسلامى تەلىم-تەربىيەدىن يىراق بولسىمۇ ئىخلاسمەن ۋە دىندار ئىكەنلىكىنى، خەلق دىندار بولغانلىقى. ئىككىنچىدىن، خەلق ئۆزىنىڭ غۇرۇر، ئەقىدە ۋە ۋىجدان بىلەن ياشاپ كەلگەنلىكى. ئۈچىنچىدىن، خەلقنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇم ئېغىر ئىدى، خىتاي خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ تارتىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈرەش ئومۇميۈزلۈك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەلىبىگە ئېرىشتى.
جۇمھۇرىيەت ۋە ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى
«يېڭى ئاكت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق ئاغدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇ دەۋردە تۇرپاننى ئىشغال قىلىۋالغان ما جوڭيىڭ تۇڭگان قوشۇنلىرىغا قارشى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۆلكە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەسكەر ۋە قورال ياردەم تەلەپ قىلدى ۋە بۇنىڭ بىلەن 1934-يىلى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىككى تۈمەنگە يېقىن ئەسكىرى ئۈرۈمچىگە كىردى. قىزىل ئارمىيىدىن قاچقان ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرى قەشقەر ۋە خوتەنگە ھۇجۇم قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قەتلى قىلدى شۇنداق قىلىپ 1934-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلدى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ قېتىلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب-ئامىللارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز چېگرىسى يېنىدا مۇستەقىل مۇسۇلمان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەھدىت ئۆزىگە نىسبەتەن زور ھېسابلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.