«ئۇيغۇر كارىزلىرى» نىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى كىم؟
2022.09.21
ئۇيغۇر كارىزلىرى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان ئىقلىم ۋە تەبىئىي شارائىتىغا ماس ھالدا ئېلىپ بارغان ھاياتلىق ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر. كارىزلار ئاساسەن تۇرپان ۋە قۇمۇل رايونىغا تارقالغان بولۇپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، يەر ئاستى سۇ جۇغلانمىسى بىر قەدەر مول ۋە يەر شەكلى يانتۇ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، قۇدۇقلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان يەر ئاستى سۇ قۇرۇلۇشى ئىنشائاتىدۇر. كارىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنىڭ تىنمىلىرى بولۇپ، بوستانلىق مەدەنىيتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
خىتاي ھۆكۈمرانلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ بىر قىسمىغا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا قوشۇپ تاشلاش ئۈچۈن بىر قاتار ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، تۇپراق، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيسىدۇر. خىتاي بۇ ئىستراتېگىيە بويىچە، شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ ھەقدار ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياراتقان مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى ۋە تۈرلۈك كەشپىيات-ئىختىرالارنى يوققا چىقىرىپ، تارىختا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە بارلىققا كەلگەن بارلىق مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇلارنى قانداقتۇر سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن مىللەتلەر ياراتقان ياكى خىتايلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن، دېگەندەك ساختا «يەكۈن» لەرنى بازارغا سېلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى كارىزدىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئەجداتلىرى ياراتقان يەر ئاستى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدۇر.
كارىز-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە سۇ ئىنشائات مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىسى. تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر كارىزنىڭ تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدا 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرى، كارىزنى سەددىچىن سېپىلى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ قەدىمكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى دەپ داۋراڭ سالماقتا.
خىتاي مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن 60 قىسىملىق «شىنجاڭ ھەققىدە تارىخىي بايان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە، تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدىكى كارىزلارنىڭ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەكلىكىدىكى ئېرىق-ئۆستەڭ ۋە قۇدۇق قېزىش تېخنىكىسىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي تارىخىدىكى بىرقانچە قېتىملىق سۇ ئىنشائاتى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.
سۇچىلىق ئىلمى ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تارىختا خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدە بەرپا قىلىنغان قۇدۇق ۋە سۇ ئىنشائاتلىرى ئاساسلىقى يەر ئۈستى سۈيىنى باشلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىللىنىش ئۈچۈن بولغانلىقى مەلۇم. كارىز بولسا تىپىق ئىچكىي ئاسىيا قۇرغاق رايونلىرىغا خاس سۇ ئىنشائاتى بولۇپ، ئۇ يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىللىنىشنى مەقسەت قىلغان سۇ قۇرۇلۇشى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى رايوندىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ خاراكتېرى تۈپتىن پەرق قىلىدىكەن. شۇڭا خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى قۇدۇق-ئۆستەڭلەرنىڭ قۇرغاق رايون جۇغراپىيەسىدىكى ئۇيغۇر كارىزلىرى بىلەن مەيلى تېخنىكىلىق قۇرۇلمىسى ياكى سۇدىن پايدىللىنىش تەسەۋۋۇرى جەھەتتە بولسۇن، ھېچقانداق باغلىنىشى يوق ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى كارىزلارنىڭ قۇرۇلما ۋە جۇغراپىيەلىك ئۆزگىچىلىك جەھەتتىن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا، جۈملىدىن قەدىمكى ئىراندىكى كارىزلار بىلەىن مەلۇم ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كارىز قەدىمدىن تارتىپلا تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيتىگە چوڭقۇر دەرىجىدە سىڭىپ كىرگەن يەر ئاستى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ھەم مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدۇر. ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان گېئولوگىيەلىك ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر، شۇنداقلا بۇ جەرياندا بايقالغان بىر قىسىم كارىز قېزىش ئەسۋابلىرى ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كارىزلارنىڭ كەم دېگەندە 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى پاكىتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇزۇن يىل كارىزچىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بارلىق كارىزلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىققان غوپۇر نۇرىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدىكى يەر ئاستى قۇرۇلۇشى-كارىز» ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇر كارىزلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە بىرقانچە تۈرلۈك ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۆجەي رايونىدىن تېپىلغان قەدىمكى قىياتاش ئويمىسىغا چۈشۈرۈلگەن «تاش خەرىتە» دە، كارىزنىڭ بارلىق تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل يەر ئاستى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلمىسىنىڭ تەسۋىرى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن ئابدۇقەييۇم خوجا بۇ ھەقتە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىسىدە توقسۇننىڭ كۆجەي تاغلىرىدىكى قىياتاشلارنىڭ يىل دەۋرىنىڭ بۇنىڭدىن 2200-2700 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» ناملىق كىتابىدا كارىزنىڭ مەركىزىي ئاسىيا قۇرغاق رايون جۇغراپىيەسىدە ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم سۇغۇرۇش ئۇسۇلى ئىكەنلىكى، بۇ خىل يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىللىنىش تېخنىكىسىنىڭ قەدىمكى ساك قەبىلىلىرىدە خېلى ئومۇملاشقانلىقىنى قەيت قىلغان.
تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدا چوڭ تىپتىكى دەريالار كەمچىل بولغاچقا، تەڭرىتاغلىرىدىن ئېقىپ كېلىدىغان پەسىللىك ئېقىنلار بۇ رايوننىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ تۆۋەنكى ئېتەكلىرىدىن باشلاپ تەبىئىي يانتۇلۇق بويىچە تاكى ئويمانلىقنىڭ مەركىزىدىكى بوستانلىق رايونلىرىغىچە سوزۇلاتتى. بۇ ھال بۇ رايوندا كارىز كولاش تېخنىكىسىدىن پايدىللىنىپ، يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىگە باشلاشقا تولىمۇ ماس كېلەتتى. شۇ سەۋەبتىن تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كارىزلار ئەڭ مەركەزلىك توپلانغان جاي بولۇپ قالغان ئىدى.
كارىزنىڭ كەشپ قىلىنىشىنى يالغۇر ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ۋە يازما ماتېرىياللاردىن ئىزدەشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە، چۈنكى كارىز يالغۇر يەككە-يىگانە ھالدىكى شۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىنسانلارنىڭ رېئاول تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ۋە ئىجتىمائىيلاشقان بىر فولكلور ھادىسىسىدۇر. ئۇزۇن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كارىزغا مۇناسىۋەتلىك دىنىي-ئېتىقاد ئادەتلىرى، مۇراسىملار، پەرھىزلەر ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى بارلىققا كەلگەن ھەم بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
كارىزلارنىڭ ناملىرى رەڭگارەڭ بولۇپ، يېزا-قىشلاقلاردىكى جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلەر، تەبىئەت ھادىسىلىرى، ھايۋانات-ئۇچار قۇشلار، چالغۇ ئەسۋابلار، شۇ جايدا ياشىغان كىشىلەر، كارىز سېتىۋالغان كىشىلەر ياكى كارىز قازغان كىشىلەرنىڭ ئىسمى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان. مەسىلەن، تۇرپاندىكى دالانكارىز، ئىمىن ئاخۇن كارىزى، توققۇز ئوغۇل كارىزى، ئاچچىق كارىز، دۇتار كارىز، دۆڭ كارىز، لەمجىن چوڭ كارىز دېگەندەك كارىز ناملىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. كارىزلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى ھەرقايسىي يۇرتلارنىڭ ئېتنوگرافىيەلىك تەركىبلىرىنى تەتقىق قىلىش، يەر-جاي ناملىرىنىڭ يىلتىزىنى بىلىش ياكى شېۋە-دېئالېكتلار تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كارىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈچلۈك كوللېكتىپچانلىق روھ سىڭگەن. كارىزدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور سۇ ئىنشائاتى كىشىلەرنى ئورتاق ئەمگەككە ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ؛ كىشىلەرنى تەبىئەتنى قوغداشقا، بوستانلىقلارنى كېڭەيتىشكە ۋە يۇرتداشلار ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك ھەم مېھر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە ئۈندەيدۇ. كارىز دېمەك، تەبىئەت بىلەن دىيالوگ قۇرۇش ۋە تەبىئەتنىڭ ئىنئاملىرىنى ئەقىل پاراسەتكە تايىنىپ بەھرىمان بولۇش دېمەكتۇر؛ كارىز دېمەك قۇرغاق رايونلاردىكى بوستانلىقلارنى قوغداش ۋە ھاياتلىق ماكانىنى كېڭەيتىش دېمەكتۇر؛ كارىز دېمەك ئىچكىي ئېنىرگىيەسى كۈچلۈك بولغان بوستانلىق مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش دېمەكتۇر!
كارىزلار يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن رەڭدار سەھنىسى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىدە كارىزلارغا ئائىت ھېكايەتلەر، قوشاقلار، ماقال-تەمسىللەر، ئىدىيوملار، يەر-جاي ناملىرى، جەمەت لەقەملىرى. ، شۇنداقلا كارىزلارغا دائىر بىر يۈرۈش پەرھىزلەر بارلىققا كەلگەن. كارىزلارنىڭ ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا كۆرۈلگەن تارىخىمۇ خېلى ئۇرۇز بولۇپ، مەشھۇر كلاسسىك ئەسەر «بابۇرنامە» ۋە موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» ناملىق ئەسىرىدە كارىزغا دائىر بايانلار ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇر كارىزلىرى ھەققىدە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان، كارىزلار ھەققىدە «ئۇيغارلىق مۆجىزىسى-كارىز»، «تۇرپان كارىزلىرىغا يولچىلىق» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان تۈرك تەتقىقاتچى دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇن تەكلىماكان بويلىرى ۋە تۇرپان ئويمانلىقىدا تورلاشقان كارىز سىستېمىسىنى بەرپا قىلىىنغانلىقىنى، كارىزلارنىڭئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 5000 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۇرسۇن ئۆزدەن ئەپەندى كارىزنىڭ تارىختا بىر مەدەنىيەت مۆجىزىسى، ئۇيغارلىق سىمۋولى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاسىيا تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
خىتاي يازارلىرى كارىزنىڭ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە باغلىنىدىغان سۇ ئىنشائاتى ئىكەنلىكىنى يىللاردىن بۇيان تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار، خىتاي يېقىنقى زامان تارىخىدا ئەپيۈن چەكلىگەن داڭلىق ئەمەلدار لىن زېشۈنىڭ تۇرپاندا يەرلىك خەلققە كارىز قېزىپ يەر ئاستى سۈيىدىن قانداق پايدىللىنىشنى ئۆگەتكەنلىكى ھەققىدە بىر قاتار سەپسەتەلەرنى بازارغا سېلىپ كەلمەكتە.
لىن زېشۈ خىتاي تارىخىدا ئەپيۈن چەكلەش ھەرىكىتى قوزغىغان «ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەنچىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ۋە 3 يىل تۇرغانلىقى مەلۇم. لىن زېشۈنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن خىتايچە كىتابلار ياكى ئۇنىڭ ئۆزى يازغان تەرجىمىھال كىتابىدىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا سۇ قۇرۇلۇشى ئىنشائاتىغا قاتنىشىپ باققانلىقى ياكى كارىز قېزىش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر پاكىت ئۇچرىمايدۇ. خىتاي يازارلىرىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇر كارىزلىرىنىڭ ئىختىراسىنى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا سۈرگۈن قىلىنغان خىتاي ئەمەلدارى لىن زېشۈگە باغلىشى، زورلاپ تارىخ يارىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە.
بۈگۈنكى كۈندە، تۇرپان-قۇمۇل ئويمانلىقىنىڭ ھاياتلىق بۇلىقى بولۇپ كېلىۋتقان كارىزلار ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ، يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. توك قۇدۇقلىرىنىڭ كۆپلەپ قېزىلىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە مەبلەغ ئاجراتماسلىقى ۋە كارىزلارنى قوغداش ئېڭىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كارىزلار قۇرۇپ كېتىشكە يۈزلەنمەكتە. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ 2017-يىلى كارىزلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان نەق مەيدان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يەرلىك دائىرىلەر تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلارنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى ئاشقارىلىغان.
مۆجىزىۋىي كەشپىيات-كارىزلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق قىسمىتى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ مەيۈسلەندۈرىدۇ. ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇر خەلقىنى سۇ ۋە ھاياتلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن كارىزلار نۆۋەتتە ئاخىرىقى نەپسىدە جان تالاشماقتا. ئۇيغۇر خەلقىدە «ئەر ئۆلسە چىراق ئۆچىدۇ، كارىز ئۆلسە ئەل كۆچىدۇ» دېگەن قىممەتلىك ماقال-تەمسىل بار. كارىزلارنىڭ تەقدىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىغا بولغان ئەندىشىسىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىندا بەرپا قىلىنغان نەچچە مىڭ يىللىق تېرىم مەدەنىيىتى بىلەن بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ تەقدىرىگە بولغان كۈچلۈك چوقانلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.