«كەچلىك بازارلار» نىڭ قايتا ئېچىلىشى ۋە باشقىلار ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەتنىڭ يۇمشىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.12.02
urumchi-puqraliri-kech-bazar.jpg بىر ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارالىق چوڭ بازار ئالدىدىن تېلېفون سۆزلىشىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AFP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 30-نويابىر كۈنى بېيجىڭدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە يەنە بىر قېتىملىق «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشاڭ ۋە ئېلىجان ئىنايەتلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا «يېمەك-ئىچمەك بازارلىرى كەڭ ئېچىلىپ، خەلقنىڭ ماددىي-مەنىۋىي تۇرمۇشى جانلاندى. بۇ، رايوندا «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دەپ ئاتىغان. ئۇلار سۆزىدە يەنە ھۇجۇم نىشانىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا قارشى غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتىپ: «بۇ يەردە خىتايغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان› ئىرقىي قىرغىنچىلىق‹، ›مەجبۇرىي ئەمگەك‹ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى› مەۋجۇت ئەمەس. رايوندا ھەر مىللەت خەلقى ئەركىن، باياشات، بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەن.

بۇ يىغىندا سۆزلىتىلگەن ئاتالمىش گۇۋاھچىلار يەنە: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي خاسلىقى، رەڭدار يېمەكلىك مەدەنىيىتى قاتارلىقلار تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، بازارغا يۈزلەندى. كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە پۇل تېپىپ بېيىش پۇرسەتلىرى يارىتىلدى، كومپارتىيە خەلقنى باياشات بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى»، دېگەندەك ئىبارىلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن.

30-نويابىر ۋە 1-دېكابىردىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، شايار، يەكەن قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدا «قىشلىق كەچلىك بازارلار» نىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. بۇ خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كەچلىك بازاردا ئالاھىدە زىيارەتتە بولغانلىقى، ھەرقايسى جايلىرىدىكى قاينام تاشقىنلىققا تولغان كەچلىك بازارلار، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تاماق مەدەنىيىتىدىن ھوزۇرلانغانلىقى، كەچلىك بازارلاردا چىراغلار چاقناپ، ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەنلىكى تېما قىلىنغان.

يېقىندا خىتايچە تىك-توك، ئۈندىدار سالونلىرىدا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە يەنە، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە كوچىلاردىكى رىشاتكىلىق توسۇقلار ۋە ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى، ئىلگىرى تاقىۋېتىلگەن بىرقىسىم بازارلارنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى، بازارلارنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى كىملىك تەكشۈرۈش توسۇقلىرى ئېلىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرى فەيسبوك، تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە يېزىلغان ئىنكاسلاردا «بۇ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ يۇمشىغانلىقىنىڭ بېشارىتىمۇ؟ رىشاتكىلىق توسۇقلار ۋە ساقچى پونكىتلىرىدىكى بىرمۇ-بىر كىملىك تەكشۈرۈش، سومكا ئېچىپ تەكشۈرۈشلەر بىكار قىلىندىمۇ؟» دېگەندەك سوئاللار ۋە بۇ ھەقتىكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەلقئارا مۇنبەرلەردە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى» تەشۋىقات قىلىش «دەپ ئاتاش بىلەن بۇنىڭ سەۋەبى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى ئاقلاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ خەلقئارادا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان 2022-يىللىق بېيجىڭ «قىشلىق ئولىمپىك» يىغىنى ھارپىسىدا بىردىنلا كۆپىيىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم يەنە ئۆزى 2017-2018-يىللاردا ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىلىدە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرى، قاتتىق نازارەت سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇرلارنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈش ھەققىدە توختالدى.

قەلبىنۇر خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك نازارەت سىستېمىسى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇشنى يولغا قويغانلىقىنى، بىراق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بازارلارنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، يوللاردىكى رىشاتكا ۋە توسۇقلىرى شۇنىڭدەك ساقچى پونكىتلىرىنى ئېلىۋەتكەن ھالەتتىمۇ، بۇنىڭ رايوندىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت سىستېمىسىنىڭ بوشىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىممۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقى «ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى ۋە قىش پەسلىدە «كەچلىك بازارلار» نىڭ قايتا ئېچىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر دائىرىلەر ياساپ چىققان يەنە بىر ساختا كۆرۈنۈش ئىكەن.

زۇبەيرە خانىم، ئۇيغۇر بازارلىرى ۋە ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەقتە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس ئېلان قىلغان دوكلاتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تەييارلىغان دوكلاتتا 2016-يىلىدىن 2020-يىلغا قەدەر لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە، ھازىرغا قەدەر ئېنىقلانغان تىجارەتچىلەرنىڭلا سانى 1000 دىن ئاشىدىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇيغۇر بازارلىرى ۋەيران قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان قاتمۇ-قات نازارەت سىستېمىلىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، قاتتىق ئەيىبلەش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا كەچلىك بازارلارنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئىلگىرى ئورناتقان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى ئېلىۋېتىشى بىر تەرەپتىن ساختا كۆرۈنۈش ياساش ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىنى پەردازلاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ، خەلقئارادىكى ئەيىبلەش ۋە بارغانچە كۈچەيگەن بېسىملارنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.