يېقىندىن بۇيان ۋەتەن ئىچىدىكى تور بەتلىرى ۋە بلوگلاردا تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىنايىلىك رەسىملەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر سىياسىي بېسىم ئىچىدىكى ئوي-خىياللىرى ۋە ئادالەتسىز رېئاللىققا بولغان كۈچلۈك ئىنكاسىنى ئىپادە قىلماقتا.
بۇ خىلدىكى كىنايىلىك رەسىملەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي رېئاللىقى، ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىس، بولۇپمۇ «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان مىللىي مائارىپ سىزما سەنئەتتىكى ھەجۋىي قىلىش ياكى دارىتمىلاش ۋاسىتىسى بىلەن تەنقىد قىلىنغان.
مەلۇمكى، كىنايىلىك رەسىملەر ياكى ھەجۋىي رەسىملەر رەسىم سەنئىتىدىكى تېز سىزما ئىجادىيىتىگە مەنسۇپ بولغان ئالاھىدە بىر تۈر بولۇپ، 20-ئەسىردىن كېيىن دەسلەپ غەربتە ئاندىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. بۇ خىلدىكى سىزمىلار ۋاقىت جەھەتتىكى تېزلىكى، قاراتمىلىقىنىڭ دەللىكى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدىكى ئەركىنلىكى ھەمدە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن. ھەجۋىي رەسىملەر دۇنيادا كەڭ تارقىلىدىغان گېزىت-ژۇرناللار، كىتاب-ماتېرىياللار ۋە ئاممىباب تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەخسۇس سەھىپىلىرىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. نۇرغۇن كىشىلەر ھەجۋىي ياكى كىنايىلىك رەسىملەرنى دۇنيا ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ ئاددىي كۆزنەك دەپ قاراپ كەلگەن.
كىنايىلىك رەسىملەر 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ خىلدىكى رەسىملەرنىڭ كۆپ قىسمى دەسلەپ باشقىلارنىڭكىنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە ئاستا-ئاستا ئۆز ئالدىغا ئىجات قىلىش ۋە ئۇيغۇرلار ھاياتىغا ماسلاشتۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتكەن. 1990-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە باشقا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە بولغان سېنزورى كۈچەيگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قاراتمىلىقى كۈچلۈك، تېمىسى سەزگۈر بولغان كىنايىلىك رەسىملەر ئوچۇق-ئاشكارا تارقىتىلىدىغان مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىدىن ئاستا-ئاستا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە يۆتكەلگەن. 2000-يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى كىنايىلىك ياكى ھەجۋىي رەسىملەرگە ئەركىن سەھنە يارىتىپ بەرگەن.
يېقىندا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە «ئەنسىرىمە ئافرىقا»، «قوش تىللىق ئېشەك»، «كاللىسى قىيىن تۈگۈن ئىچىگە كىرىپ قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق بىر يۈرۈش كىنايىلىك رەسىملەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، توركېزەرلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان ھەمدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ياۋروپادا ياشاۋاتقان پەزىلەت خانىم بىلەن بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.