سوفى رىچاردسون: خىتاي خەلقئارانىڭ باي كۆمۈر كان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.11.24
tutqun-pidaiy-xitay-saqchi-herbiy.jpg ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى.
CCTV

بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى باي كۆمۈر كاندىكى ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇلار باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا «ھەددىدىن زىيادە كۈچ» قوللانغان-قوللانمىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن شۇ جاينىڭ ئۆزىدىن پاكىتلارنى ئېنىقلاپ چىقىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بىز بۈگۈن بۇ بايانات مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. سوفى رىچاردسون خانىم بايدىكى ۋەقەگە ئائىت ئۇچۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئۇچۇرلار بىلەن باشقا خەلقئارا خەۋەر ئورگانلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلار ئارىسىدا پەرقلەر بارلىقىنى، شۇڭا بۇنى دەلىللەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ۋەقەدە زادى كىملەر ئۆلتۈرۈلدى، نېمە ئۈچۈن، پۇقرالار مۇۋاپىق قوغدالدىمۇ، دېگەندەك سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى جەزملەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن ئۇچۇرلار ھەر ۋاقىتتىكىدەكلا ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلايدىغان ئۇچۇرلار بولدى. بۇلار گۇمانلىق. شۇڭا بىز بۇ ۋەقە ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش لازىم دەپ قارايمىز.»

سوفى رىچاردسون خانىم باياناتتىكى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەگەر ھەقىقەتەن يوشۇرغۇدەك نەرسىسى بولمىسا، ئۇ ھالدا ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى، مۇستەقىل ژۇرنالىستلار، دىپلوماتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايونغا توسالغۇسىز بېرىپ يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بايدىكى كۆمۈر كاندا 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى تۇنجى قېتىم ئىستانسىمىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىغان ئىدى. ئەينى چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك دائىرىلەر كان ھۇجۇمىدىن كېيىن 3 ئائىلىلىكتىن بولغان 17 ئادەمنىڭ قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈچ بالا بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 14-نويابىر ئۆز تورىدا بىر ئۇچۇر ئېلان قىلىپ 56 كۈنلۈك ئىز-قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە باي كۆمۈر كاندىكى ۋەقەنى سادىر قىلغان «تېررورچىلارنى تولۇق يوقاتقانلىقى» نى بايان قىلدى. ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ مۇسا توختىنىياز، مەمەت ئەيسا باشچىلىقىدىكى تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان يۇقىرىدىكى ئىسىملار بىلەن ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن يۇقىرىدىكى ئىسىملارنىڭ ئوخشاش بولۇشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ 3 ئائىلىلىكتىن بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى قىسمەن ئىسپاتلىغان بولدى.

سوفى رىچاردسون خانىم سۆزىدە، مانا بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ۋەقەدە قورال كۈچىگە تايىنىش قانۇنلۇقمىدى دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ، دېدى. سوفى خانىم مۇنداق دېدى : «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ۋەقەلەرنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدۇ. مانا بۇ شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى. ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى قوغداش ۋە كېرەك بولغان يەردە كۈچ قوللىنىش مەجبۇرىيىتى بار. بىراق، بۇ ۋەقەدىكى كىشىلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى ۋە ئارىسىدا بالىلارنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇ ھالدا بۇ يەردە بىر سوئال تۇغۇلىدۇ. يەنى بۇ، ئۇلارغا ئىشلىتىلگەن زورلۇق كۈچ قانۇنلۇقمىدى ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن مۇھىم.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا ۋەقەدە قىرغۇچى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە دىققەت تارتىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ قالايمىقان قورال كۈچى ئىشلىتىشىنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم جامائەت تەرتىپىنى قوغداش ھەم گۇماندارلارنىڭ ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ب د ت نىڭ «قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ قورال كۈچىنى ئىشقا سېلىشنى باشقۇرۇش» قا ئائىت قانۇنلىرىدا ئېنىق قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار ئامال بار زوراۋانلىق ۋاسىتىلەردىن ساقلىنىشى، پەقەت ھاياتىي بىخەتەرلىكى جىددىي تەھدىت ئاستىدا بولمىغۇچە قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بېكىتىلگەن. ئۇ ھەم ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى كېرەكسىز يەرگە قورال كۈچى ئىشلەتكەن قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنى چوقۇم جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئەمىر قىلغان. قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى سوتقا چىقىرىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم قوغدىغۇچى ئادۋوكاتقا ئېرىشىشى ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن دەرھال بايانات بېرىپ، خىتايمۇ تېررورلۇقنىڭ قۇربانى، دەپ بىلدۈرگەن ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان. بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. سوفى خانىم سۆزىدە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا جىددىي ۋەزىيەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك دەيدۇ. سوفى خانىم سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي باراۋەرلىك، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئادىل سوت، سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايۋاتقانلىقى جىددىيلىكنىڭ داۋام قىلىشىدىكى سەۋەبلەر» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، ب د ت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى خىتايدىن بايدىكى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى ھەم شۇنداقلا مۇستەقىل تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى بىلەن دەلىللەنمەي تۇرۇپ، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى» غا ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.