كۆزەتكۈچىلەر :خىتاينىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى كەمتۈك ۋە بىرى-بىرىگە زىت
2015.11.25
خىتاينىڭ 56 كۈنگىچە يوشۇرۇپ كەلگەن باي كۆمۈركان ھۇجۇمىنى پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىن ئاشكارىلاشقا باشلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان كەمتۈكلۈك ۋە بىرى-بىرىگە زىت ئۇچۇرلار ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىنكى خەلقئارا سىياسىي ھاۋادىن پايدىلىنىش قەستىنىڭ كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، كۆمۈركان ھۇجۇمى چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەقەنى قىسمەن ئاشكارىلاش ئارقىلىق چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ تەسىرىگە پاسسىپ ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ كۆزەتكۈچىلەر يەنە، خىتاي تەرەپنىڭ خەۋەرلىرىدە خەلقئارا جامائەت، خىتاي خەلقى ۋە ئۇيغۇرلارغا تەڭلا سىياسىي سىگنال بېرىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن خەۋەرلىرىدە كەمتۈكلۈك ۋە زىتلىقلارنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.