خۇ پىڭ: «ما شىڭرۇينىڭ مۇقىملىقنى تەكىتلىشى، ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىگە بولغان قارشىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.09.19
خۇ پىڭ: «ما شىڭرۇينىڭ مۇقىملىقنى تەكىتلىشى، ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىگە بولغان قارشىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر» ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاتالمىش خەلق ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي «رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلىمەكتە. 2022-يىلى 14-سېنتەبىر.
ts.cn

«يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ئاچارچىلىق، ھەتتا ئۆلۈم پاجىئەلىرىنى كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردە قاتتىق ئىنكاس قوزغىماقتا. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىر قىسىم رايونلاردىكى قاتتىق قامالنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىماقتا.

ھالبۇكى، رايوندا يۇقۇم قامالى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن پاجىئەلەر ئېغىرلاشقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۇينىڭ «رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتىشى، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۇي 14-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاتالمىش خەلق ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىدا، بۇ سۆزلەرنى قىلغان.

ئۇ ئاتالمىش خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ، «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا كۆزىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقنى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكنى ئومۇمىي نىشان قىلىش، مەركەزنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇش، چوڭ ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلگەن.

ما شىڭرۇي بۇ يىغىندىكى سۆزىدە يەنە «پارتىيەنىڭ ئومومىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەسھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە ئومۇملاشتۇرۇش» دېگەن سۆزلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىك، خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتىگىيەسىنىڭ يادروسى» ئىكەن. ھالبۇكى، ما شىڭرۇينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇم پاجىئەلىرى دۇنياغا ئاشكارىلانغان ۋەزىيەتتە، بۇ سۆزلەرنى يەنە تەكىتلىشى، رايوندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالىغا بولغان نارازىلىقلار ۋە خەلقئارا بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ سىياسەتنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي ئىسىتراتېگىيە. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ سىياسەت شىجاڭنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ ئالمىشىشى ياكى رايوندا يۈز بەرگەن باشقا ئەھۋاللار، يەنى يۇقۇم ۋە باشقا ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالى كەلتۈرگەن ئاچارچىلىق ۋە داۋالىنالماسلىق پاجىئەلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىدە بېسىم پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ما شىڭرۇينىڭ رايوندا مۇقىملىقنى تەكىتلىشى، دەل مۇشۇ خىل بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى. «ئۇلار ئەلۋەتتە خەلقئارا بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم پوزىتسىيەسى خەلقئارا بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇشتۇر. سەن ئۇنى قانداق تەنقىدلىسەڭمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆز قىلمىشىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. ئالايلۇق، بۇ قېتىم يۈرگۈزۈلگەن «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالى نۇرغۇنلىغان جايلاردا خەلققە ئېغىر مۈشكۈلاتلارنى كەلتۈردى. نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ئاچارچىلىقتا قالدى، ۋاقتىدا داۋالىنىشقا ئېرىشەلمىدى. بولۇپمۇ ئىلى رايونىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولدى. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ خىل ئەھۋاللارغا ئەستايىدىل تەدبىر قوللانمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار بۇ ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان ھەرقانداق بىر كىشىگە جازالاش تەدبىرى قوللانماقتا. بۇ ئەھۋال پەقەت شىنجاڭدىلا ئەمەس، ھەممە جايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىلى رايونىدا ئەڭ قەبىھ ھالەتتە يۈز بېرىۋاتىدۇ.»

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۇي تەكىتلەۋاتقان «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش» سىياسىتى، نۆۋەتتە «يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلارنى جازالاش» تەدبىرى شەكلىدە ئىجرا قىلىنماقتا ئىكەن. خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ھازىر تەكىتلەۋاتقان ‹مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش› دېگىنى، ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى› نى توسالغۇسىز ئىجرا قىلىشقا قارىتىلغان. ئۇلار بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ‹يالغان ئۇچۇر› دەپ بېكىتكەن بارلىق سۆز-ھەركەتلەرنى باستۇرۇش نىشانى قىلماقتا. ئۇلار ھازىر ئەمەلدارلىرىنى تەشكىللەپ ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› قامالىنى ئىجرا قىلىشقا قارشى ئەيىبلەشلەر ۋە نارازىلىقلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. ئەھۋالنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلىغانلارغا جىنايەت ئارتىۋاتىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ‹ئۆسەك سۆز تارقاتتى›، ‹يالغان خەۋەر تارقاتتى› دېگەن قالپاقلار كىيدۈرۈپ، كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىۋاتىدۇ.»

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ ما شىڭرۇينىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق قىلىش نامىدا چاقىرىلغان 100 دىن ئارتۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قاتناشقان سۆھبەت يىغىنىدا «مۇقىملىق» نى تەكىتلىشىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل خىتايدا يۈرگۈزىۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى يۇقۇم قامالىنىڭ مەغلۇبىيىتى، بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەر ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.