خىتاينىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىنى تۇتۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2014-09-10
Share
majid-al-shafe-ependi-ongdin-1-kishi.jpg كانادادا تۇرۇشلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن «بىر دۇنيا ئەركىنلىك تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ماجىد ئال شافە (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى)
RFA/Ruqiye

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارغا ئائىت ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى 1 مىليون سوم بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان مۇلاھىزىچىلەر، بۇنىڭدىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىدە ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە تېرورلۇققا قارشى تۇرغۇچىلارغا مۇكاپات سوممىسى ئېلان قىلغان.

ئېلاندا «ئۆز - ئارا تەشكىللەنگۈچىلەرنى، تېررور تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقان ياكى باشچىلىق قىلغۇچىلارنى، تېررور ھەرىكەتلىرىنى پىلانلىغان ۋە يۇرگۇزگەن، بۇ مەقسەتتە ئىئانە توپلاپ نەرسە - كېرەك سېتىۋالغۇچىلارنى، تېررورچىلارنى توشۇغان، يوشۇرغان ياكى ئۇلارغا ياردەم بەرگۇچىلەرنى خىتاي ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلغۇچىلارغا بىر مىليون سوم مۇكاپات بېرىلىدۇ. مەلۇم قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى مەخپىي تۇتىلىدۇ، دېيىلگەن.

كانادادا تۇرۇشلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن «بىر دۇنيا ئەركىنلىك تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ماجىد ئال شافە بۇ توغرىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىلدۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ ئۆزى بېسىۋالغان زېمىندىكى خەلققە مۇشۇنداق پەسكەش ئويۇن ئويناپ، ئۇلارنى پۇل ياكى قوراللىق كۇچ بىلەن بىر - بىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىشى نومۇس قىلارلىق بىر ئىش. مەن ئۇيغۇرلارنى تونۇيمەن. ئۇلار غۇرۇرى كۈچلۈك خەلق، مەن ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ ئويۇنىغا كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ يەردە تېررورلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيمەن. ئەلۋەتتە قارشىلىق كۆرسىتىش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇمى تۇپەيلىدىن كېلىپ چىققان. ئەگەر سىزنىڭ ئاتا، ئانىڭىزنى، گۇناھسىز باللىرىڭىزنى خىتاي ئۆلتۈرۈۋەتسە، يەرلىرىڭىزنى تارتىۋالسا، پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭغا كۆز يۇمسا، سىز قانداق قىلىشىڭىز مۇمكىن؟»

ماجىد ئەپەندى خىتاينىڭ دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي داۋاملىق ئۆزى بېسىۋالغان شۇ زېمىندا تېررورلۇق بار دېگەن بىر تەشۋىقاتنى كۆتىرىپ چىقىپ، بۇنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەدىكى تېررورلۇققا سېلىشتۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىككىسى پۈتۈنلەي ئىككى نەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغان، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا دىنىي ۋە مەدەنىيىتى بار، لېكىن ئۇلار خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئەگەر ئۇ يەردە خىتايغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بولسا، بۇنى خىتاي ھوكۇمىتى پۇتۇنلەي خاتا ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. سۆزۇمگە دىققەت قىلىڭ، مەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى دېدىم، تېررورلۇق دېمىدىم. مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دەيدىغىنىم، ئەگەر ئۇلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا، مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىپ چىقىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۇچۇن قارشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى، زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.»

كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى بروئوك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور چارلېس بۇرتون ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش سىياسىتىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى، پەقەت شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىنى قانداق قاتتىق قوللۇق بىلەن كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۇردى.

ئۇ يەنە، خىتاي قانۇنى ۋە خىتاي سوت مەھكىمىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدايدىغان ئادۋوكاتلارنىڭ رولى بولمايلا قالماي، ئۇلارنىڭ تەھدىت ۋە بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇنداق بولغانلىقتىن ئەگەر خىتايغا قارشى بولمىغان ياكى ھېچقانداق ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغان بىر ئۇيغۇرغا توھمەت قىلىنىپ تۇتۇلسىمۇ ئاقلىنىپ چىقىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ياكى ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۇردى.

خىتاينىڭ بۇ خىل سېتىۋېلىش سىياسىتى قانچىلىك دەرىجىدە قورقۇنچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن؟ كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر يازغۇچىسى غۇلام ئوسمان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر يازغۇچى غولام ئوسمان ئەپەندى
كانادادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر يازغۇچى غولام ئوسمان ئەپەندى

«خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى، چۈنكى بىرىنچىدىن، ۋەدە قىلغان مۇكاپات سوممىسى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە يۇقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئېغىر دەرىجىدە نامرات قالدۇرۇلغانلىقتىن ئاسان سېتىلىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئەمما، ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلىرىنىڭ داۋاملىق خائىنلارغا ئۇچراپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ھەممىلا ئۇيغۇرنىڭ سېتىلىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ.» غۇلام ئوسمان ئەپەندى يەنە، بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش سىياسىتىدىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش كۇچلىرىنى يوقىتىشتا قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دېمەك، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك سېپى ئايرىلىپتۇ. بۇرۇنقىدەك خىتاي ماختاپ قويغانغا ئۆز قېرىندىشىنى تۇتۇپ بېرىدىغان ئىشلار تۈگەپتۇ، خەلقىمىزنىڭ كۆزى ئېچىلىپتۇ.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت