مالايشىيا ئايروپىلانىدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەمەتجان ئابلا ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلە تاۋابىئاتى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-03-25
Share
malayshiya-ayropilan-uyghur-ressam-memetjan-abla-dadisi.JPG مالايشىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانىدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەمەتجان ئابلانىڭ دادىسى(ئوڭدا) بالىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن.
Social Media

مالايشىيا ھاۋا يوللىرىغا ئائىت ئايروپىلاندا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان 239 نەپەر يولۇچى ئارىسىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر يولۇچى مەمەتجان ئابلانىڭ ئاقىۋىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئېچىندۇردى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارمۇ بۇ ياش ئۇيغۇر رەسسامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە قىزىقماقتا. ۋەقەدىن كېيىن، مەمەتجان ئابلانىڭ قەشقەردىكى ئائىلىسىمۇ باشقا يولۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. بىز ئۇلار تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ، مەمەتجان ئابلانىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغىنىمىزدا مېھمانخانا خادىمى بۇ تەلىپىمىزنىڭ يۇقىرىدىن تەستىقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ رەت قىلدى.

مالايشىيا ھاۋا يوللىرىغا ئائىت 370 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ زادى قانداق بىر پالاكەتكە ئۇچرىغانلىقى تېخى يېشىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دۈشەنبە كۈنى مالايشىيا باش مىنىستىرى بايانات بېرىپ ئايروپىلاننىڭ ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدا پالاكەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ ساق قالمىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى شۇنداقلا يولۇچىلارنىڭ تەقدىرىگە قىزىقىۋاتقان دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى. جۈملىدىن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئايروپىلان ئىچىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر مەمەتجان ئابلا يولۇققان بۇ بەختسىزلىكتىن قاتتىق ئېچىندى.

مالايشىيا ئايروپىلانى 8-مارت كۈنى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئايروپىلان ئىچىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىردەك بېيجىڭنىڭ چاۋياڭ رايونىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە مەمەتجان ئابلانىڭ قەشقەردىن كەلگەن ئائىلە ئەزالىرىمۇ بار. چەتئەللىك مۇخبىرلار تارتقان سۈرەتلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ سېيماسى باشقىلاردىن مانا مەن دەپ پەرقلىنىپ تۇراتتى. بۈگۈن ئىستانسىمىزغا كەلگەن بىر پارچە ئىنكاس خېتىدە ئايروپىلاندىكى ئۇيغۇر رەسسام مەمەتجان ئابلانىڭ تۇغقىنى بولغان ئىككى كىشىگە ياردەم كېرەكلىكى مەلۇم قىلىنغان بولۇپ، خەتنى يازغان كىشى مەمەتجان ئابلانىڭ تۇغقانلىرىنىڭ خىتايچىنى ئانچە سۆزلىيەلمىگەچكە ھازىر بىر بۇلۇڭدا قىسىلىپ قالغانلىقىنى، ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ دەردى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ ئىككىسىگە ھېچكىم ياردەم قىلالمايۋاتقانلىقتىن ئۆزىنىڭ بۇلارغا ئىچى ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بېيجىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار بولسا كېلىپ بۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلتىماس قىلىپ يازغان ۋە ئۇلار تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويغان. بىز بۇ ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن بېيجىڭدىكى لىدۇ مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما بىز تېلېفوننى ئالغان مېھمانخانا خىزمەتچىسىگە مالايشىيا ئايروپىلانىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا، مېھمانخانا خادىمى دەرھاللا «كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ، بىز يۇقىرىنىڭ رۇخسىتىسىز كۆرۈشتۈرەلمەيمىز» دېدى. بىز تېلېفوندىكى خادىمغا بىر كىشىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە سۆزلىيەلمىگەچكە ھازىر ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقىنىمىزدا مېھمانخانا خادىمى بىزگە «ئۇلارغا تەرجىمان لازىم بولسا بىز ئۆزىمىز ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئۇلارغا ياردەم كېرەك دېگىنى بىر سۆز-چۆچەك» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ شۇنداقلا يەنە «بۈگۈن سەندىن باشقا 200 دەك ئادەم ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلدى، لېكىن بىز ئۇلارغىمۇ ئوخشاش جاۋاب بېرىپ كۆرۈشتۈرمىدۇق. بىز يۇقىرىنىڭ رەسمىي بۇيرۇقى بولماي تۇرۇپ كۆرۈشتۈرمەيمىز. ئۇ ئۇيغۇرلارغا تەرجىمان لازىم بولسا بىز ئۆزىمىز ئورۇنلاشتۇرىمىز» دەپ ئەسكەرتتى.

مەمەتجان ئابلانىڭ ئائىلىسىنىڭ باشقىلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەسلىكى، مېھمانخانا خادىملىرىنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان كىشىلەرنىڭ ياردىمىنى رەت قىلىشى دىققەت قوزغايدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. چۈنكى، مالايشىيا ھاۋا يوللىرىغا ئائىت بۇ ئايروپىلان 8-مارت يوقاپ كەتكەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئايروپىلان ئىچىدىكى بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندا مەمەتجان ئابدۇللانىڭ 99 ‏-رەتنى بوش ئورۇن قويۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىشى دەرھال گۇمان پەيدا قىلغان. ھەتتا بەزى خىتاي مۇنازىرە بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە بۇ ئايروپىلاننى ئۇيغۇر تېررورچىلارنىڭ ئەپقاچقانلىقى مۇنازىرە قىلىنغان. بىر قىسىم خەلقئارا ئاخباراتلارمۇ ئۆز خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، بۇ ھەقتىكى سۆز-چۆچەكلەرنى ئۆز خەۋەرلىرىدە نەقىل قىلغان. ئەھۋالدىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى دەرھال بايانات بېرىپ، ھېچقانداق ئىسپاتسىز ھالدا، ئۇيغۇر رەسسامى مەمەتجان ئابدۇللاغا بۇنداق قارا چاپلاشنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق، دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي دائىرىلىرى ئايروپىلان ئىچىدىكى ھېچبىر خىتاي پۇقراسىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ سۆز-چۆچەكلەر ئاياغلاشتى.

بۇ يىل ئەمدىلا 35 ياشقا كىرگەن تالانتلىق ئۇيغۇر رەسسام مەمەتجان ئابلانىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ تەلەيسىزلىك بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنماقتا. بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قاتتىق قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، بارلىق سىرلىرى بىلەن غايىب بولغان بۇ ئايروپىلان ئىچىدىكى ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى، ئۇنىڭ ھاياتى ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيىسىمۇ ئۆز خەۋىرىدە مەخسۇس مەمەتجان ئابلا ۋە ئۇنىڭ رەسساملىق ھاياتىنى تونۇشتۇردى. س ن ن مۇخبىرى ئۆز خەۋىرىدە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنى، يېقىن دوستلىرىنى زىيارەت قىلغان. س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ، خىتاي ۋە مالايشىيانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مالايشىيادا ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 24 نەپەر رەسسامدىن تەركىب تاپقان ئۆمەك ئىچىدە مالايشىياغا بارغان. ئۇنىڭ ئەسىرى ھەتتا مالايشىيادىكى كۆرگەزمىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيىسىدە ئىشلەيدىغان قۇربانجان مەمەت ئىسىملىك دوستىنىڭ س ن ن مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، مەمەتجان ئابلا 2-مارت كۈنى مېڭىشتىن بۇرۇن قۇربانجانغا خوشلىشىپ تېلېفون قىلغان. ئىككىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئالاقىلەشكەن ۋاقتى بولسا، مەمەتجان ئابلا ئۆزىنىڭ ئۈندىداردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسىرىنىڭ مالايشىيادىكى رەسىم كۆرگەزمىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋاقتى ئىكەن. ئۇ چاغدا قۇربانجان مەمەتجان ئابلانى تەبرىكلەپ، قايتىپ كەلگەندە بۇ خۇشاللىقنى بىرگە تەبرىكلەشنى دېيىشكەن. مانا بۇ مەمەتجان ئابلانىڭ ئاخىرقى سۆزى بولۇپ قالغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت