ماركو رۇبيو: «‹نيو-يورك ۋاقتى› گېزىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنى باستۇرۇپ قويدى؟»
2021.12.03

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ھەركەتلىرى تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا 2019-يىلى نويابىردا «نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتى مەخپىي يوللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قولىغا يەتكەن 400 بەتتىن ئارتۇق خىتايچە ھۆججەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇ ۋاقىتتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركەتلىرى توغرىسىدىكى «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججەتلەر بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى كۆپلىگەن تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭدىكى تېرورچى ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قىلچىلىكمۇ رەھىم-شەپقەت قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ يوليورۇق بەرگەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندىن باشقا، نەچچە يۈز بەتلىك بۇ ھۆججەتتە بايان قىلىنغان شۇنچە كۆپ تەپسىلاتلار ھەققدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن ئىدى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، يەنى 2021-يىلى نويابىرغا كەلگەندە لوندون شەھرىدىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق سۆھبىتىدە بۇ ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى لاگىرشۇناس مۇتەخەسسىس ئادريان زېنزنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولدى. ئۇنىڭ بۇ ھۆججەتلەرگە بېغىشلانغان زور ھەجىملىك دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ شۇنچە كۆپ ۋە مۇھىم بولغان ھۆججەتلەرنى ئىككى يىل بېسىپ يېتىپ، بۇنىڭدىكى شۇنچە كۆپ نازۇك ئۇچۇرلارنى تاشقى دۇنيادىن «سىر» تۇتقانلىقى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو ئەپەندى بۇ مەسىلىگە ئەڭ كەسكىن ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ 30-نويابىر كۈنى «نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى سۇلزبېرگ ئەپەندىگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ: «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى قىرغىنچىلىققا بىۋاستە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان شۇنچە كۆپ ھۆججەتلەرنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن بېسىپ يېتىۋالدىڭلار؟» دەپ سوئال قويغان. شۇنىڭدەك «مۇتلەق مەخپىي» بولغان بۇ ھۆججەتلەر ئاشكارا بولغان تۇرۇقلۇق، بۇنداق بىر زور رېئاللىقنى بىرلا خەۋەر بىلەن تۈگىتىشنىڭ 1933-يىلى مەزكۇر گېزىتنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، جۈملىدىن ئۇكرائىنا تەۋەسىدىكى مىسلىسىز ئاچارچىلىق قىلمىشىنى غەرەزلىك ھالدا خەۋەر قىلماسلىق، شۇ ئارقىلىق سىتالىننىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىگە ۋاستىلىك ھالدا چاپان يېپىش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ماركو رۇبىيو مەكتۇبىدا ئېنىق قىلىپ: «ئاشۇ كىشىلەر ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ چەتئەلگە يوللىغان بۇ ھۆججەتلەر ئۆلۈم گىردابىدا جان تالىشىۋاتقان شۇنچە كۆپ ئىنسانلارغا ياردىمى بولار، دېگەن ئۈمىدتە سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. گېزىتىڭلارنىڭ بۇنچە كۆپ مەخپىي ھۆججەتلەرنى بېسىپ قويۇشىغا كىم جاۋابكار؟» دەپ سوئال قويغان. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە جاۋابكار ئىكەنلىكى بۇ ھۆججەتلەردە ئېنىق ئېيتىلغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەردە جاۋابكارلىقنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقا ئەمەلدارلارغا ئارتىپ قويغانلىقىنى كەسكىن تەنقىدلىگەن. شۇ قاتاردا بۇ ھەقتىكى بەش تۈرلۈك سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا يازما جاۋاب قايتۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس-بەستە بۇ ھەقتىكى ئوبزور ۋە تەقرىز ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان.
«نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئېلان قىلغان بۇ ھۆججەتلەرنى باشقا مەنبەلەر ئارقىلىق تەپسىلىي كۆرۈپ چىققان ھەمدە بۇ ھەقتە ئالاھىدە دوكلات تەييارلىغان لاگېرشۇناس ئادريان زېنز ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشىنى ئۆزگىچە شەكىلدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى: «(ماركو رۇبيو) بۇ خەتتە ‹نيو-يورك ۋاقتى› گېزىتىنىڭ شۇنچە ئېنىق ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئەتكەن ھۆججەتلەرنى بېسىپ قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى. مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى سۆزلەرنىڭ بىر قىسىم توغرا بولسا، يەنە بىر قىسمى سەل ئاشۇرىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئېلان قىلمىغانلىقى راست. بۇ ھۆججەتلەرنى تەپسىلى مۇھاكىمە قىلمىغانلىقىمۇ راست. ئەمما چۈشىنىشىمىز لازىمكى ‹نيو-يورك ۋاقتى› گېزىتى بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە پەقەت بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپلا بولدى قىلدى. بۇنىڭغا گېزىتنىڭ سەھىپىسى يېتىشمىدىمۇ بىلمىدىم، پەقەت ئومۇمىي ئوقۇرمەنلەرنى كۆزلىگەن ھالدا مۇشۇ بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىش بىلەنلا بۇ ئىش تۈگىگەن بولدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىنتاىين مۇھىم باغلىنىشلار تىلغا ئېلىنماي قالدى. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە شى جىنپىڭنىڭ بىر قېتىملىق نۇتۇق تېكىستى بار بولۇپ، بۇنىڭغا ‹مۇتلەق مەخپىي› دەپ تامغا ئۇرۇلغان. مانا مۇشۇ ھۆججەتنى ئايرىم بىر خەۋەر قىلسا بولاتتى. ئەمما ئۇلار شى جىنپىڭنى رەنجىتىشنى خالىماي قالدىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ ئىشقىلىپ، بۇ ھەقتە سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى.»
دوكتۇر ئادريان زېنز «نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى باشقا سەۋەبلەر ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق يازما ئىسپاتلار بولمىغان ئەھۋالدا تەسەۋۋۇر شەكلىدە مەلۇم پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئىسپاتسىز ھالدا ھۆكۈم چىقىرىشتەك بولمىغۇرلۇققىمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «خىتايدىن قورقۇش بەلكىم ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ.
دەرۋەقە، ئادريان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئەتىسىلا، يەنى 30-نويابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى 61-نۆۋەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ مەخسۇس ئادريان زېنزنى «كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەن» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى «قانۇنىي ھەركەت قوللىنىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغان.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئادريان زېنز بۇنىڭ بەكمۇ بىمەنە بىر بىلجىرلاش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى: «بۇ ئاڭلىماققا بەكمۇ قىزىقارلىق بولغان بىر بىلجىرلاش بولدى. ئەلۋەتتە، مەن بۇنىڭدىن پەرىشان بولدۇم. يەنە كېلىپ بۇنى مەۋھۇم شەكىلدىكى بىر تەھدىت، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇلار مۇشۇ تاكتىكا ئارقىلىق مېنى قورقۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا باشقىلار بۇنىڭدىن تەئەججۈپكە چۈشىدۇ ۋە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ بىرىنچى قېتىملىق ئىشمۇ ئەمەس. ئىلگىرىمۇ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت مېنى سوتقا بەرمەكچى بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم پەش قىلغان.»
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو «نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۆزى سورىغان سوئاللارغا يازما شەكىلدە جاۋاب بېرىشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.