دوكتور ئاسپىرانت مۇختارجان: تەۋپىق روھى ۋارىسى سەپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014-09-10
Share
muxtarjan-abduraxman.jpg ياپونىيەدىكى دوكتور ئاسپىرانت مۇختارجان ئابدۇراخمان
RFA/Qutluq

ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 31 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان ۋە شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ھازىر ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان پەلسەپە پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان ئابدۇراخمان بۈگۈن 10 - سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى ئاخىرىلاشتۇرۇپ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققانلىقى ھەققىدە توختالدى ۋە شۇنداقلا بايرام مۇناسىۋىتى تەۋپىق روھى ۋارىسى ئوقۇتقۇچى سەپداشلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىققىتىڭلار، ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ مۇختارجان ئابدۇراخمان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە بولغاي.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت