0:00 / 0:00
ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 31 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان ۋە شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ھازىر ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان پەلسەپە پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان ئابدۇراخمان بۈگۈن 10 - سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى ئاخىرىلاشتۇرۇپ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققانلىقى ھەققىدە توختالدى ۋە شۇنداقلا بايرام مۇناسىۋىتى تەۋپىق روھى ۋارىسى ئوقۇتقۇچى سەپداشلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىققىتىڭلار، ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ مۇختارجان ئابدۇراخمان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە بولغاي.