نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.08.03
نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم د ئۇ ق نىڭ «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» ئالغانلىقىنى تەبرىكلىدى. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
RFA/Ekrem

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ 2-ئاۋغۇست باشلانغان تەيۋەن زىيارىتى بۈگۈن دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئەڭ قىزىق ۋە ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى نەنسى پېلوسى خانىم تەيۋەن زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ: «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق» نى، نەنسى پېلوسى خانىم تەيۋەننى زىيارەت قىلسا «ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ» غانلىقىنى، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ «قاراپ تۇرمايدۇ» غانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. خىتاي يەنە تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىنى قامال قىلىپ، ھەيۋەتلىك مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈپ، گويا تەيۋەننى بىرقانچە سائەت ئىچىدىلا بېسىۋالىدىغاندەك ياكى نەنسى پېلوسى خانىم تەيۋەن زىيارىتىنى بىكار قىلمىسا، ئامېرىكاغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىدىغاندەك تېرە تاراقشىتقان، خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خۇسۇستا تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرى ھەقىقەتەنمۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ شەپىسىنى كۆرسەتكەن.

بىراق نەنسى پېلوسى خانىم خىتاينىڭ بۇ تەھدىتلىرىگە بىپەرۋا ھالدا تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ئاخبارات ۋاستىلىرى خىتاينىڭ كۆرسەتكەن ھەيۋىلىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ كۆرسەتكەن جاسارىتىنى سېلىشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاينىڭ بۇ قېتىم ناھايىتى مەسخىرىلىك بىر ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايان قىلىشقان. خىتاي بولسا تەيۋەن ئەتراپىدىكى 6 رايوندا مانېۋىرنى داۋام قىلىپ، ھازىرچە «ئامېرىكا بۇ خاتالىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دېيىش بىلەن چەكلەنگەندەك.

دۇنيا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 8-قېتىملىق تىبەت يىغىنىدا (ئوڭدىن) د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi)، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ۋە UHRP نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى.
دۇنيا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 8-قېتىملىق تىبەت يىغىنىدا (ئوڭدىن) د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi)، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ۋە UHRP نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى.

بۇ ھال خىتاينىڭ ئىچكىي قىسمىدا ياشاۋاتقان مىللەتچى خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى بۈگۈن بەزى خىتايلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن، ئۆزلىرىنى كاچاتلىغان، يىغلىغان، زارلىغان كۆرۈنۈشلىرى قاپلاپ كەتكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان، خىتاينى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بۇ ۋەزىيەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن. ئۇيغۇرلار «شى جىنپىڭنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان شاپىلاق» توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس-بەستە پىكىرلەر بايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. شى جىنپىڭنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ھەجىۋىي رەسىملەرنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقلىرىنى نامايەن قىلىشقان.

نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇقەدەر خۇشال بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا تىلغا ئېلىنىشىچە، نەنسى پېلوسى خانىم تەيۋەن زىيارىتى ئارقىلىق بىرىنچىدىن، خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرغان، ئىككىنچىدىن، مىليونلىغان قېرىنداشلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولىۋالغان «مۇستەبىت خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بۇ شاپىلاق» ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بەرگەندەك بولغان، ئۈچىنچىدىن، بۇ زىيارەت تەيۋەن مۇستەقىللىقىنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بولۇپ، كېلىچەكتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۈمىد بېغىشلايدىغان، ئۇيغۇرلارنىمۇ جاسارەتلەندۈرىدىغان بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

2-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم 29-ئىيۇل نەنسى پېلوسى خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نەنسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنىڭ بىرقانچە چوڭ نەتىجىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە ياخشى ئوبراز ياراتقان نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قانۇنلارنى ماقۇللىشىدا نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تۆھپىسىنىڭ زور بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.