ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: شۆھرەت زاكىر نۇر بەكرىنىڭ سولچىل خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك
2014.12.31
نۇر بەكرى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى، ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى شۆھرەت زاكىر ئۆتكۈزۈۋالدى. يېڭى يىل ھارپىسىدىكى بۇ تاسادىپىلىقنى ھېچكىم بۇرۇن پەرەز قىلمىغان ئىدى.
خىتاي كومپارتىيەسى نۇر بەكرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ «ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرى»ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇر ئىلىدا ھوقۇق تۇتقان 7 يىللىق تارىخىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىق ۋە تەنقىد ئوبىكتى بولۇپ كەلدى.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇرۇنقى رەئىسلىرىدىن پەرقلىىق بىر تىپ. ئۇنىڭ دەۋرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىقتىساد ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئىلىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا رادىكال ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان، ھوقۇق خىتايلارنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى، سىياسىي ئورنى تۆۋەنلىگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتى، تىلى چەكلەشكە ئۇچراپ، ئۆكتىچى پىكىرلەر، دىنىي پائالىيەتلەر شىددەتلىك باستۇرۇلغان. قەشقەر قاتارلىق تارىخىي رەستىلەر چېقىلىپ، مەدەنىي مىراسلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. قوش تىللىق مائارىپ مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇپ، مىللىي مائارىپ ۋەيران بولغان. خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە زور ھوقۇق بېرىلىپ، ئۆكتىچى پىكىرلەر، دىنىي پائالىيەتلەر شىددەتلىك باستۇرۇلغان دەۋر.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇپ، ھازىرقى ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىدا نۇر بەكرىنىڭ زور مەسئۇلىيىتى بار.
ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇربەكرىنىڭ دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق قاراڭغۇ دەۋرىنىڭ بىرى بولدى. مائارىپىمىز يوقالدى، دىنىمىز قاتتىق زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ، شەھەرلىرىمىز ۋەيران بولۇپ كەتتى، خىتاي تۈركۈم - تۈركۈملەپ كۆچۈپ كەلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئېغىر، قىرغىنچىلىق ۋە ئۆلۈم - يىتىم ناھايىتى كۆپەيگەن بىر دەۋرنىڭ رەئىسى. ئۇ ۋاڭ لېچۈەنگە چوماقچىلىق قىلدى. ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇرلارنى ناھەق تۇتۇپ، ئۆلتۈرۈپ قىلغاندا بىرسى چىقىپ، «ھەي توختا !» دېمىدى. ئۇ تۆمۈر داۋامەتچىلىك ئالدىغا چىقىپ خىتاي بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئادەم ئەمەس. توختاپ تۇر، سەن بۇ بىزنىڭ مىللەتنى بۇنداق قىلما، دەيدىغان نۇر بەكرىدەكلەر چىقمىغاچقا خەلقىمىز يامان كۈنگە قالدى.»
خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئىلىنى سوراۋاتقانغا 65 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ 65 يىلدا ھېچقاچان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر رەئىسى ئەمەلىي ھوقۇقلۇق بىر مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانىغا باشلىق بولۇپ يۆتكىلىپ باقمىغان ئىدى. بىراق نۇر بەكرى بۇ جەھەتتىكى تۇنجى كىشى.
خىتاي ھۆكۈمىتى نۇر بەكرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارىدا، ئۇ نېفىت ساھەسىگە ئىشلەپ باقمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ رەئىسلىك ۋاقتىدا نېفىت ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، نۇرنىڭ بۇ ۋەزىپىگە قويۇلۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى تېخىمۇ زور كۆلەملىك ئېچىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇر بەكرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە جانپىدالىق بىلەن ئىشلەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان ئىش. ئەگەر ۋاڭ لېچۈەنگە چېتىشلىق بولغان بولسا، ۋاڭنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنى ئېلىۋېتىپ، بېيجىڭدىكى ھوقۇقى يوق بىرەر ۋەزىپىگە يۆتكەپ قويسا بولاتتى. بىراق ئۇنى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، ئەمەلىي ھوقۇقلۇق ئورۇنغا قويغانلىقى مەركەزنىڭ ئۇنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، مەركەزنىڭ نۇرغا ئىشەنچىسى كامىل. نۇر بەكرىنى بۇنداق يەرگە قويۇشى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ۋەتىنىمىزنىڭ نېفىت - تەبىئىي بايلىقىنى ئېلىشتا رول ئوينايدۇ، دەپ قارىغان، دەپ گۇمان قىلىمەن.»
قاھار بارات يەنە، نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزى، ئىسمايىل ئەھمەت قاتارلىق بۇرۇنقى رەئىسلىرىدىن پەرقلىق بىر تىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
قاھار بارات مۇنداق دىدى: «نۇر بەكرىنى ئۆستۈرۈش سەيپىدىندىن تارتىپ باشقا رەئىسلەرنى ئۆستۈرگەنگە ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. باشقا رەئىسلەرنى بىز شىڭ شىڭ رەئىس دېسەك بولىدۇ. ئۇلار خىتاينىڭ سېكرىتارى نېمە دېسە، ماقۇل دەيدىغان رەئىسلەر. نۇر بەكرىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى نېمە دېسە، ئۆز ئىچىدە ئويلاپ چىقىپ مەسلىھەت بېرەيلەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ خىتايدىن بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، خىتاينىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن مەسلىھەتلەرنى بېرىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە ياردەم بەرگەن. شۇڭا، خىتايلارنىڭ نۇر بەكرىنى ئەقىللىق دېگەن يېرى شۇ.»
خىتاي كومپارتىيەسى بۇ قېتىم يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىرنى نۇر بەكرىنىڭ ئورنىغا يۆتكىگەن. بۇمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تارىخىدا خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە رەئىس بولۇپ يۆتكىلىشىدۇر.
شۆھرەت زاكىر بۇرۇن بىر مەھەل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇزۇن يىل بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر شۆھرەت زاكىرنىڭ رەئىسلىككە ئولتۇرۇپ، نۇر بەكرىنىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىشى ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ قارىسىمۇ، بىراق قاھار بارات، شۆھرەت زاكىرنى نۇر بەكرىنىڭ سولچىل خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، مىللىي مائارىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغماسلىققا، ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا چاقىردى.