بىر سابىق ساقچىنىڭ ساقچىلاردىكى چارچاپ ئۆلۈش ھادىسىسى ھەققىدە بايانلىرى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-01-25
Share
semet-abdukerim-olgen-uyghur-saqchi.jpg چارچاشتىن ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان خوتەن خانئېرىق ساقچىخانا خادىمى 34 ياشلىق سەمەت ئابدۇكېرىم.
Photo: RFA

ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى 10 كۈن ئىچىدىلا 8 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ چارچاشتىن ئۆلۈش ھادىسىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەت پىكرىنىڭ يەنىلا دىققەت دائىرىسىدە.

بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر سابىق ساقچى خادىمى مەزكۇر ھادىسە ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چارچاپ ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۈرەك كېسىلى، يۈرەك كېسىلىنىڭ سەۋەبى بولسا، ھەقسىزلىققا ۋاسىتە بولۇشتىن ۋە دەرت-خاپىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئورۇن بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان روھىي ئازاب.

بۇ تېمىدا ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە چارچاپ ئۆلدى دېيىلگەن ساقچىلارنىڭ ئۆلۈمىدە بىر سۇيىقەست بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى، خىتاي ئاخباراتىنىڭ بەزى چاغلاردا چارچاپ ئۆلۈش ھادىسىسىنى يوشۇرماي خەۋەر قىلىشىنىمۇ سىرلىق دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆز ساقچىلىرىنى چارچاپ ئۆلدى دەپ خەۋەر قىلىش خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرىنى سۈپەتلەش ئەنئەنىسىگىمۇ زىت بىر ئىش.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت