ئابدۇلئەزىز ئەپەندى: «ئوتتۇز نېمە ئۈچۈن» دىكى مەقسەت ئۇيغۇرلاردا قۇلچىلىق ئىدىيىسى پەيدا قىلىش

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.12.26
teshwiqat-terghibat-uyghurda.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات-تەرغىبات ئۆمىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرغان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 27-نويابىر، ئۈرۈمچى.
xju.edu.cn


خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومى تارقاتقان «30نېمە ئۈچۈن ؟» ناملىق ئاممىۋى قوللانما، خىتاي ھازىرغا قەدەر تارقاتقان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ئىچىدە ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدا باشتىن ئاخىر قۇرئان ۋە ھەدىستىن نەقىللەر ئېلىنغان.

مانا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغان جامائەت ئەربابى، دىنىي زات ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، خىتاينىڭ ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىشتە مەغلۇپ بولغانلىقىنى، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېچقانداق بازار تاپالمىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشتا ئىسلام تەلىماتلىرىغا تايىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، مەزكۇر قوللانمىدىكى «جىھاد غازات ئەمەس» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇ تېمىدا سۆز ئويۇنى قىلىپ ئۇيغۇرلاردا قۇلچىلىق ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.