دوكتور ئەركىن ئەكرەم پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.04.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
shi-jinping-pakistan-lozinka.jpg خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستانغا بېرىش ھارپىلىرىدا، ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئېسىلغان لوزۇنكا. 2015-18-ئاپرېل، پاكىستان.
AFP

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى پاكىستان زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ زىيارەتنىڭ تۇنجى كۈنى پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف بىلەن 51 خىل كېلىشىم ئىمزالاپ، پاكىستانغا 46 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە قىلدى.

بۇ مەبلەغنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قەشقەر-گۋادار ئوتتۇرىسىدىكى پاكىستان-‏خىتاي سودا كارىدورىنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرىنى ياساشقا سەرپ قىلىنىدۇ. بۇ، پاكىستان ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن سوممىسى ئەڭ زور كۆلەملىك چەتئەل مەبلىغى. خىتاي قانداق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، پاكىستانغا بۇ مەبلەغنى سېلىشقا تەۋەككۈل قىلىۋاتىدۇ؟

تۈركىيە ئىستراتىگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي، بۇ رايونغا بۇنچىلىك زور مەبلەغ سېلىش خەتەرلىك بولسىمۇ، بىراق بۇ تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىشقا مەجبۇر.

لېكىن ئەركىن ئەكرەم، بۇ ھەمكارلىق ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.