مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراققا باغلانغان قارا قىسمەتلىرى

ستوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2023.12.05
toghraq-toghraqliq.jpg تارىم ئويمانلىقىدىكى قۇرۇپ كەتكەن توغراقلىق. UHRP دوكلاتى. 2016-يىلى 20-ئىيۇل.
UHRP

ئۇيغۇر تىلىدا «تۇپراق» كەلىمەسى «توپا، قەبرە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈشتىن باشقا يەنە كۆچمە مەنىدە كەلگەندە «زېمىن، يەر، يۇرت ۋە ۋەتەن» قاتارلىق مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «تۇپراق» سۆزى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسىي قاتلاملىرىدا چوڭقۇر ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئەقىدە ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر روھىي قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن تېرىم مەدەنىيىتىگە كۆچكەن مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا مەركىزىي ئاسىيا بوستانلىقلىرىدا، بولۇپمۇ تارىم ئويمانلىقىدا بوستانلىق مەدەنىيىتى يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا نۇرغۇن ئىختىرالارنى ياراتقان.

ئۇيغۇر ئەجدادلىرى تېرىم ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇلاردا تەدرىجىي ھالدا تۇپراقنى مۇقەددەس بىلىش ۋە ئۇنى بەرىكەتنىڭ سىمۋولى دەپ قاراش چۈشەنچىلىرى شەكىللەنگەن. تۇپراقنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تېرىم ۋە ھويلا ئارام ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراققا باغلانغان تۈرلۈك ئېتىقاد-ئىشەنچلىرى ۋە پەرھىزلىرى ئۇيغۇر خەلق فولكلورىنىڭ بىر قىسمى بولغان ماقال-تەمسىل، ناخشا-قوشاق، رىۋايەت-چۆچەك، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئۇدۇملاردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇپراقنىڭ مۇقەددەسلىكىنى «يېرى يوقنىڭ جېنى يوق»، «كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرت»، «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى رويۇڭ سامان بولماس» دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئادەتلەر مەۋجۇت.

ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن تارىخىي جەريانلاردا نۇرغۇن قېتىم دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتەك قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئانا يۇرتى ۋە ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا توختىماي كۈرەش قىلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ يېقىنقى زامان تارىخىدىن بۇيان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى، ھەقدارلىق تۇيغۇسى ۋە تۇپراق بىلەن بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى باغلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ ۋە ياشنىتىپ كەلگەن تۇپراقلىرىنى تارتىۋېلىشتىن باشقا يەنە، ئۇلارنىڭ مەلۇم جەھەتتىن تۇپراققا باغلىنىش ۋە بېقىنىشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلماقتا. خەلقئارالىق قانۇن نۇقتىسىدىن بېرىلگەن تەبىرلەردىمۇ زېمىن، بايلىق ۋە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ ئىچكى باغلىنىشى تەكىتلەنگەن. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى، يالغۇز تېررىتورىيە ياكى بايلىق مەسىلىسىلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا يەنە شۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدەك قىلمىشلارغىمۇ چېتىلىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قاراتقان زېمىن تاجاۋۇزچىلىقى ۋە تۇپراققا باغلانغان مەھرۇم قالدۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بىزنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان تېما بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە تۆۋەندىكى بىرقانچە گەۋدىلىك نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:

شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرى مانجۇ-خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ئىمپېراتورلىرى تەرىپىدىن «يېڭى زېمىن» ياكى «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان «شىنجاڭ» دېگەن نام بېرىلگەن. 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، «شىنجاڭ» دېگەن خىتايچە نامنىڭ ئۆزىلا بۇ زېمىننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىپ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر دەلىل-ئىسپاتتۇر، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. دەرۋەقە، 1760-1759-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرى مەنچىڭ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئىشنى ئاۋۋال چۆل-جەزىرەلەردە بوز يەر ئېچىش ۋە دېھقانچىلىق يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىشتىن باشلىغان. خىتاي تارىخچىسى خۇا لى يازغان «چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدا دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تارىخى» ناملىق كىتاب ۋە تارىخچى جېيمىس مىلۋاردنىڭ ئۇيغۇر رايونى تارىخىغا دائىر تەتقىقاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ستىلا قىلىنىشىدىن باشلاپ تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئىلگىرىكىدىن ئون ھەسسە ئاشقان. تارىخچىلار يەنە بۇ دەۋردە مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئەمگەك كۈچى قاتارىدا كۆپ ساندىكى خىتاي جىنايەتچىلەر، ئەسكەرلەر ۋە يەرسىز خىتاي دېھقانلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىگەنلىكىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي تەتقىقاتچىلىرىدىن فاڭ يىڭكەي يازغان «شىنجاڭنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى» ناملىق كىتابتا ئاشكارىلىنىشىچە، 1850-يىللىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى ئەسلىدىكى 300 مىڭدىن ئالتە ھەسسە قاتلىنىپ، ئىككى مىليونغا يەتكەن ئىكەن. ھالبۇكى، ئوخشاش مەزگىلدە پۈتكۈل خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى ئاران تۆت يېرىم ھەسسە ئارتقان. شۇنىسى ئېنىقكى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ زور كۆلەملىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان سۇغۇرۇش قاناللىرىنى بەرپا قىلىش پىلانى ئورمان ۋە يايلاق كۆلىمىنىڭ زور دەرىجىدە تارىيىپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرگىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدا بەرپا قىلىنغان سۈنئىي ئۆستەڭلەر تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىدىكى سۇنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەسىرلەر بويى تارىم ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەن خەلقنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان ئەزىم دەريانىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە ئېقىم ئۆزگەرتىشى قاتارلىق ئامىللار لوپنۇر كۆلى، تېتېما كۆلى قاتارلىق سۇ مەنبەسى مول بولغان كۆللەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قىلمىشى تارىم ۋادىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 1964-يىلدىن 1996-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرى تۇپراق سۈپىتىنىڭ ئېغىر بۇزۇلۇشى بىلەن بىرگە يەرلىك خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.

20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا بارغاندا، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. 1954-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى قۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا كەڭ كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش زور دولقۇنى قوزغىغان. 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى «يەر ئىسلاھاتى» ئېلىپ بېرىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر بايلىرى ۋە زور ساندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋالغان. ئاندىن كوپىراتسىيەلەشتۈرۈش ۋە كوممۇنالاشتۇرۇش قاتارلىق كوللېكتىپ ئىگىلىك بەرپا قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە يەر-زېمىنلىرى، مال-مۈلۈكلىرى ۋە چارۋىلىرىنى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. شۇنىڭدىن بۇيان تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زېمىنغا خىتاي پۇقرالىرىنى كۆچۈرۈشتە قوللانغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى، خىتاي كۆچمەنلىرىگە «يەر تارتۇقلاپ بېرىش» بولۇپ كەلمەكتە. يېقىنقى ئەھۋاللارنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، خىتاينىڭ «سىنا تورى» قاتارلىق تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2017-يىلى ۋە 2018-يىللىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى گەنسۇ، خېنەن، نىڭشىيا قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىش نامى بىلەن كۆچمەن بولۇپ كەلگۈچىلەرگە 25 مودىن 30 موغىچە تېرىلغۇ يەر بېرىلىدىغانلىقى، ھەقسىز قورۇ-جاي بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى ۋە نوپۇسقا ئېلىنىدىغانلىقى، پەرزەنتلىرىنىڭ 15 يىلغىچە دۆلەت تەرىپىدىن ھەقسىز ئوقۇتۇلىدىغانلىقى، جۈملىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھاياتى ئۆمۈرلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان چىقارغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراققا باغلانغان قارا قىسمەتلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق دولقۇنى 2000-يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى» نامىدا ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان تاشيول ۋە تۆمۈر يوللارنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلىرىنى شىددەت بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى تېزلەشتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە غايەت زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پاختا تېرىش قاتارلىق باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ يەرلىشىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىلگەن. بۇ سىياسەت خىتاي ئۆلكىلىرىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ھۆكۈمەت تەرەپتىن تارتىۋېلىنىشى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى نامراتلىق ۋە بېقىندىلىق ھالىتىگە دۇچار قىلغان. ئۇندىن باشقا مەجبۇرىي ئەمگەك، ھاشار ۋە ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلىدىغان سېلىقلارنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇمىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. يەرلىرى تارتىۋېلىنغان دېھقانلار مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئەرز قىلغىنىدا ئۇلار قاتتىق باستۇرۇشلارغا دۇچ كەلگەن. مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ 1994-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىجات قىلغان «يەرنى ساتماڭلار» ناملىق ناخشىسى، ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر خەلقىگە يەردىن ئايرىلماسلىق ۋە تۇپراق بىلەن بولغان باغنى قەتئىي ساقلاش توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىشى يالغۇز يېزىلاردا ئىجرا قىلىنىپلا قالماي، يەنە شەھەرلەردىمۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى چېقىۋېتىش، ۋەيران قىلىش قاتارلىق قىلمىشلاردىمۇ ئىپادىلىنىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىن باشلاپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، تۇرپان ۋە غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە «پاراۋانلىق قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىش نامىدا ئۇيغۇرلارنى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان. يەنە بۇ قۇرۇلۇش باھانىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇنلىغان مەسچىت ۋە مازارلىقلارنىمۇ چېقىپ كۆزدىن يوقاتقان. تەتقىقاتچى راين سام (Rian Thum) مازارلىقلارنىڭ چېقىلىشى مەسىلىسى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە «مازار سەيلىسى» ياكى «ئوردام پاشا زىيارىتى» گە ئوخشاش ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان تاۋاپ پائالىيەتلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن كۆرۈنمەس تەھدىت دەپ قارىغانلىقىنى بايان قىلغان. بىز بۇنىڭدىن شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە 1930-يىللاردىكى مىلىتارىست شېڭ شىسەي قاتارلىق خىتاي مۇستەبىتلىرى تولۇق ئىجرا قىلىپ بولالمىغان سىياسەتلەرنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

تەتقىقاتچى رايېن سامنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان فولكلور تەتقىقاتچىسى راھىلە داۋۇت 2013-يىلىدىكى بىر زىيارەت خاتىرىسىدە ئۇيغۇر مازارلىرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى قەيت قىلغان: «ئەگەر مازارلار يوقىتىلغىنىدا، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ تۇپراق بىلەن بولغان ئالاقىسىنىمۇ يوقىتىدۇ. ئۇ چاغدا ھەم شەخسلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن ياكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلارغا بارغاندا، ھېچكىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەنلىكى ياكى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى خاتىرىلىيەلمەيدۇ.»

ئۇيغۇرلار تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىۋېتىلمەكتە، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇپراقنى قۇچاقلىغان قەبرىلىرى ۋە مازارلىرىمۇ چېقىۋېتىلمەكتە، دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار بارا-بارا ئۆزلىرىنىڭ ئات-بوۋىلىرى ياشاپ كەلگەن مۇقەددەس تۇپراقلىرى بىلەن باغلانغان ئەبەدىيلىك مۇناسىۋىتىنى يوقاتماقتا. شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ خىل يوقىتىش خىتاينىڭ مەجبۇر قىلىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ كەينىگە ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي غەرەزلىرى يوشۇرۇنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئانا تۇپراقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئۈزۈۋېتىشى، ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنى تارىخىي يىلتىزىدىن ۋە كۆكلەپ چىققان مەنبەسىدىن ئۈزۈۋېتىشتۇر.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.