ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى نيۇ-يورك دۇنيا كىتاب يەرمەنكىسىدە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.05.28
qelemkeshler-merkizi-tor-bet.jpg ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى توربېتىنىڭ باش بېتى.
penusa.org

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى، ئامېرىكا كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ خىتايغا «شەرەپ مېھمانلىق» ئورنى بېرىپ، لېكىن ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت مەسىلە ۋە چەكلىمىلەرنى دىققەتكە ئالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرمەنكە خىتاي ئەدەبىياتىغا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ 44 نەپەر يازغۇچى ۋە ژۇرنالىستنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن يازغۇچى، ژۇرنالىستلارنىڭ پاراكەندىچىلىك، تەھدىتكە ئۇچراپ، بەزىلىرىنىڭ سۈرگۈندە ياشاۋاتقانلىقىنى، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى دىققەتكە ئالمىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى27-ماي نيۇ-يورك ئاممىۋى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق يىغىلىشى نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا كىتاب يەرمەنكىسىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى ئالاقە ئىشلار مۇدىرى سارا ئەدكىنزنىڭ بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تەكىتلىشىچە، نامايىشنىڭ مەقسىتى كىتاب يەرمەنكىسىگە قارشى تۇرۇش ئەمەس، بەلكى، يەرمەنكىدە خىتاينىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە قويغان چەكلىمىسى ۋە تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: يەرمەنكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ يازغۇچىلارنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىغا ئېتىرازىمىزنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى قوغداش. بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇق، يەرمەنكىگە قاتناشقان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ خىتاي نەشرىيات بازىرىغا سېلىنغان ئامېرىكىلىق يازغۇچىلار ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى، خىتاي تۈرمىسىدىكى پىكرى سەۋەبلىك قامالغان 44 يازغۇچىنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى.

نيۇ-يورك ئاممىۋى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئامېرىكىلىق ۋە ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچى، شائىرلار ئىشتىراك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە جوناتان فرانزېن، گو شياۋلۇ، ئاندرېۋ سولومون، خا جىن قاتارلىق يازغۇچى، شائىرلار بار ئىدى.

نامايىشچىلار ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى لىيۇ شاۋبو، ئۇنىڭ ئايالى لىيۇ شيا، تىبەت ئۆكتىچى يازغۇچى ۋۇيسېرنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى، باشقا يازغۇچىلارغا چەكلىمە قويۇشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىغا يول قويۇشتى تەلەپ قىلدى.

سارا ئەدكىنز مۇنداق دەيدۇ: قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئەڭ زور پىلانى چارشەنبە كۈنى باشلانغان كىتاب يەرمەنكىسى ۋە پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ، كىشىلەر ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدىغان يۇقىرىقى دېلولارغا دىققەت قوزغاش. بايام مەن ئېيتقاندەك ئاز دېگەندە 44 نەپەر يازغۇچىنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇلار ئىچىدىكى 5 كىشى يەنى لىيۇ شاۋبو، لىيۇ شيا، ئىلھام توختى، ۋېيسېر، ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق بۇ بەشەيلەن كىشىلەرگە نىسبەتەن تونۇشلۇق كىشىلەر. ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ۋە چەتئەل ئاخباراتىدا تەسىرى بار. بىز بۇ تونۇشلۇق شەخسلەر ئارقىلىق كىشىلەرگە خىتايدا يازغان ئەسىرى سەۋەبلىك تۈرمىدە يېتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلىتىشنى ئويلايمىز.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ مەزكۇر پائالىيىتى ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزگىلدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.

ئىلھام توختىنى ئائىلە تاۋابىئاتى يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى، ئۇنىڭغا پۇل-پۇچەك ۋە كىيىم-كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇ تۇتۇپ تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىگە بارغان. لېكىن دائىرىلەر ئائىلە تاۋابىئاتنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى رەت قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى 18‏-ماي بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمە دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلغان. قەلەمكەشلەر مەركىزى باياناتىدا، ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ،« قەلەمكەشلەر مەركىزى تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان قاتتىق قول مۇئامىلىسىدىن ئۆكۈنىدۇ، ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە، ئۇنىڭ ئېھتىياجلىق ياردەمگە ئېرىشىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

سارا ئەدكىنز بۈگۈن قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئۇنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى، «بىز ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلىشى رەت قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدۇق. ئىلھام توختى بىزنىڭ 2014‏- يىللىق باربارا گولدسمىت يېزىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ بىرى. بىز ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق. بىز ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلىشى ۋە كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلىشىگە يول قويۇلۇشىغا جىددىي دىققەت قىلىمىز.

لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ خەيچۈەن ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىپ خىتايدا نەشرىيات ھوقۇقى قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇ خەيچۈەن «جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنىڭ نەشرىيات ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ. لېكىن بۇ ئەركىنلىكنى قوللانغانلار جۇڭگو قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەك» دېگەن.

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي نەشرىيات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدا نەشر قىلىنغان ئامېرىكا ۋە باشقا چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە قاتتىق چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نەشرىيات ئورگانلىرىنىڭ چەتئەل تەرجىمە ئەسەرلىرىنى قاتتىق تەھرىرلەپ، بەزى سەزگۈر سىياسىي مەزمۇنلارنى، ئىسىم ۋە سۆزلۈكلەرنى چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى، لېكىن نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىكى، بەزى ئاپتورلارنىڭ خەۋىرى بولسىمۇ، بىراق سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇل ئېكىن چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.