«قەشقەرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى» تارىخچىلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.11.17
qeshqer-cheqish-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
AFP Photo

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان«قەشقەرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى» 16-نويابىر ئاياغلاشتى. ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلاردا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھۇجۇملىرى كۆپەيگەن بىر مەزگىلدە دائىرىلەرنىڭ قەشقەر شەھىرىدە بۇ خىل يىغىننى ئېچىشى تارىخچىلار ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ 17-نويابىر يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «قەشقەرشۇناشلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى مۇئاۋىنى جاڭ كې سۆز قىلىپ، «قەشقەرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشتىكى مەقسەت، تارىخنى گەپ قىلدۇرۇش، ھەقىقىي تارىخ ئارقىلىق چەتئەللەردىكى"ئۈچ خىل كۈچلەر"نىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ئىدىيىسىنىڭ ئامما ئارىسىغا تارقىلىشىنى توسۇش، دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن.

«قەشقەرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دەپ نام قويۇلغان بىر يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تەيىنلەنگەن ئەمەلدارىنىڭ يىغىننى ئېچىشتىكى سىياسىي مەقسىتىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنىڭ ئەكس ئېتىشى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تارىخچىلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ «قەشقەرشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقات مۇھاكىمە» يىغىنى نامىدىكى بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى سىياسىي مۇددىئاسى ۋە يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەرنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى قاتارلىقلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تارىخچى قاھار بارات ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ بۇ يىغىننى مەلۇم سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن ئاچقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، «ئەگەر دائىرىلەر ھەقىقىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، خەلقئارادا تارىخى مەدەنىيەت شەھىرى دەپ تەرىپلەنگەن قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى چېقىپ، قەشقەرنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنمىغان بولاتتى. ئۇلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان شەھەرنى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە قارىماي، خالىغانچە چېقىپ ۋەيران قىلدى. مانا ئەمدى قەشقەرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دېگەن نامنى قويۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق شەھەرنىڭ ئەسلى مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

دوكتور قاھار ئەپەندى يەنە، يىغىندا ئوقۇلغان ئاتالمىش ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي خاھىشى بويىچە تەييارلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەقىقىي تارىخى پاكىتلار بۇرمىلانغان بۇ خىلدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ ئىلىم ساھەسىنى ئەمەس، ھەتتا ئادەتتىكى ئاۋام پۇقرانىمۇ قايىل قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈردى.

سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھۇجۇملىرى كۆپەيگەن بىر مەزگىلدە «قەشقەرشۇناسلىق تەتقىقاتى» نامىدا بۇنداق بىر يىغىننى ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ،خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرىنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ھۆكۈمرانلىقى داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن سىياسىتى ۋە ئېلىپ بارغان ھەرىكەت -پائالىيەتلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئاتالمىش «قەشقەرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئەمەلىيەتتە دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق تارىخنى بۇرمىلاش، ھەتتا يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.