قۇمنى تىزگىنلەش مۇمكىن، ئەمما جىنايەتنى يوشۇرۇش مۇمكىنمۇ؟

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.12.16
qumluq-orman-ishchi-toghraq-yulghun-1024 ئاۋات ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەت خادىملىرى. 2023-يىلى نويابىر، ئاۋات
lcj.xinjiang.gov.cn

يېقىندا خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان گىرۋىكىنىڭ «قاشالاپ تۇتاشتۇرۇلغان» لىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ تارقىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا، خىتاينىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «قۇمنى تىزگىنلەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش قانۇنى» نىڭ كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى. بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا بىر-بىرى بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشلىقى بارلىقى ئېنىق. بولۇپمۇ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە بۇ قۇملۇق ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك. لېكىن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان ئەمما دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان بىر مۇھىم ئامىل بار! ئۇ بولسىمۇ بۇ قۇملۇقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى.

بۇ «ئالاقە» نى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قۇملۇققا ئالاقىدار يۇقىرىقى قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئىزدىنىپ كۆرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

خىتاي مەنبەلىك ئۇچۇرلاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە قۇملاشقان تۇپراق 746 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 44.86 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قۇملاشقان تۇپراق بولسا، قۇملۇقنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇلغىنىش سەۋەبلىك قۇملۇققا ئايلىنىۋاتقان تۇپراقلارنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ 2008-يىلىدىكى بىر تەتقىقات دوكلاتىدا، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى رايونلاردا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا قۇملاشقان يەر كۆلىمىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 63 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقى؛ 80-يىللارغا كەلگەندە بولسا قۇملىشىش كۆلىمىنىڭ 85.57 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى؛ 90-يىللارغا كەلگەندە بولسا 94.8 پىرسەنتتىن ئېشىشتەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا بۇ خىل ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا يۈز بەرگەن سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمەلىيەتتە، تارىم ئويمانلىقىدىكى بىپايان توغراقلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، مۇنبەت تۇپراقلارنىڭ قۇملۇقلارغا ئايلىنىپ كېتىشىگە دەل خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقى ئېنىق. شۇنداق ئىكەنلىكىنى ھەتتا خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئۆزلىرى دەلىللىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ئۇزۇن يىللىق سۇ كەمچىل بولۇش كىرىزىسى، بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئېغىر نامراتلىققا پاتۇرغان.

دەرۋەقە، 90-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇملىشىش نىسبىتى 94.8 پىرسەنتكە يېتىپ، قۇملىشىشنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. بۇ ۋەجىدىن خىتاي 2001-يىلى ئاتالمىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى» نى يولغا قويغان.

بىز تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى تۇپراقلارنىڭ قۇملىشىپ كېتىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى ھەمدە بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىنى بىڭتۈەن كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن بىلدۇق. ھالبۇكى، خىتاينىڭ 2001-يىلى يولغا قويغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى» دىمۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش بىلەن دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش بېكىتىلگەن. بىز تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى بۆلىكىگە خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاست جايلاشقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. شۇنداق بولۇپلا قالماي، بۇ رايونلار دەل 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ «نامراتلارنى يوقىتىش سىياسىتى» دىكى نۇقتىلىق رايونلار بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان «نامراتلارنى يوقىتىش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىز كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدۇق. دېمەك، ئاتالمىش «قۇمنى تىزگىنلەش» نامىدىكى «قانۇن» نىڭمۇ ئەمەلىيەتتە يەنىلا تارىم ئويمانلىقىدا ئەسىرلەر بويى ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بۇ ۋەجىدىن كېسىپ ئېيتالايمىز.

خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» دا 2019-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدىمۇ، بۇ قاراشلىرىمىزنى دەلىللەيدىغان ئىسپاتلار بار. يەنى، مەزكۇر ماقالىدا شۇ يىلىغا قەدەر قۇملۇق جايلاردىن 160 مىڭ ئاھالىنىڭ كۆچۈرۈپ چىقىلغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنداق بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ ئاھالىلەر كۆچۈرۈلگەن جايلاردا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن «خىزمەت ئورنى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، يەسلى، پائالىيەت زالى قاتارلىق بارلىق شارائىتلار تولۇق ھازىرلاپ بېرىلگەن» لىكى دېيىلگەن. لېكىن بىز ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ئاستىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ئىشلارنىڭ يۇقىرىقى ماقالىدا دېيىلگەندەك «گۈزەل ۋە كۆڭۈلدىكىدەك» بولمىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. يەنى 2009-يىلى يۈز بەرگەن «شاۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتى پاجىئەسى» بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دەل خىتاينىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتى» نىڭ مەھسۇلىدۇر. چۈنكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن رايونى خىتايلار تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار دەل خىتاينىڭ «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتى ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەلگەنىدى. بۇنىڭدىن باشقا، 2020-يىلى ئاشكارىلانغان «نەنكەي دوكلاتى» دا تىلغا ئېلىنغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ دەل خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىدى. خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي يۆتكەپ كېتىلگەن بۇ ئۇيغۇرلار، پويىز بىلەن خىتاي ئۆلكىسىگە بارغىنىدا، ئۇلارنىڭ پويىزدىن چۈشىشىگىمۇ يەرلىك دائىرىلەر رۇخسەت قىلمىغانىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشىگە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىزچىل نارازى ئىكەنلىكى ئايدىڭ. ئەمما «شاۋگۈەن ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يۆتكەش توختاپ قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن «شاۋگۈەن ۋەقەسى» دەك پاجىئەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە قايتا يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى بىلىش ئىمكانىمىز ئەسلا بولغان ئەمەس! بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پىروفېسسورى ما روڭنىڭ 2007-يىلى يازغان «قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئىشلەمچىلەرنى يۆتكەش ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدىمۇ، يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئاپىرىلغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار بايان قىلىنغان.

دەرۋەقە يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاينىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى» دا «نامراتلارنى يوقىتىش» نىڭ ئورنىنى «كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نىڭ ئالغانلىقى سەۋەبسىز ئەمەس. خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلار ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئالدى بىلەن مەقسەتلىك نامراتلاشتۇرۇلغان؛ ئاندىن نامراتلىق ۋە قۇملىشىش باھانىسىدە تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە باشقا يۇرتلارغا مەجبۇرىي يۆتكىلىش، خىتاي كارخانىلىرىدا قۇل ئىشچى بولۇش، كەسىپ ئۆزگەرتىش، ئائىلىسى خانىۋەيران بولۇش، ئۆي-ماكانلىرى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلىش قاتارلىق تۈرلۈك-تۈمەن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ ئىشلاردىن كېيىن خىتاينىڭمۇ بۇ رايونلاردىكى «بىخەتەرلىك تۇيغۇسى» ئاشقان. دېمەك، نۆۋەتتە «قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامىدا رايونلارغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ۋە پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. لېكىن بۇ يەردە مەسىلە شۇكى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى ھېلىمۇ ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنمەس تۈرمە مۇھىتىدا ئومۇميۈزلۈك رېجىمغا ئېلىنىشى، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ باش ئېگىدىغانلىقى ياكى يوقىتىلىشنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى قىسقا ۋاقىتتا يوقىتىشمۇ خىتاي ئۈچۈن ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ تويماس نەپسى سەۋەبلىك ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مۇقەررەر يوسۇندا بۇ رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. سىرت بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى خىتاينى زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە سادىر قىلغان قانلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خەۋپ ئەلۋەتتە، تەكلىماكاننى بويسۇندۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرنى يوقىتىش غەرىزىنىڭ ئاقىۋەتتە «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكى خالاس!

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.