ياپونىيە سۇكۇبا رادىيوسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئاڭلىتىشقا باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.05.23
professor-fuji-genki-turmuhemmet-hashim.jpg مەركىزى توكيودىكى سۇكۇبا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رادىيو سۆھبەت پروگراممىسىدا پروفېسسور فۇجى گېنكى ئەپەندى بىلەن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى. 2016-يىلى 17-ماي، توكيو.
RFA/Qutluq

17-مايدىن باشلاپ ياپونىيە سۇكۇبا رادىيو ئىستانسىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ھەپتىدە ئىككى قېتىم مەخسۇس بىر سائەتلىك پروگرامما ئاڭلىتىشقا باشلىدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەركىزى توكيودىكى سۇكۇبا رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەپتىدە ئىككى قېتىم مەخسۇس پروگرامما ئاڭلىتىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 24-مايدىن باشلاپ توكيو، ئوساكا قاتارلىق بىر قانچە شەھەرلەردە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئاڭلىتىدىغان دوكلاتى توغرىسىدا توختالغان.

سۇكۇبا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ بۇ قېتىمقى رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا تەييارلىغان مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسىغا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، پروگراممىغا ياپونىيە تاكۇشۇكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى فۇجى گېنكى رىياسەتچىلىك قىلغان.

مەزكۇر رادىيو ئىستانسىسى ئۇزۇندىن بۇيان پروفېسسور فۇجى گېنكىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەپتىدە ئىككى قېتىم « كېيجى پروگراممىسى» نامىدا ئاڭلىتىش بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى توغرىسىدا ئالاھىدە سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر پروگرامما توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر رادىيو پروگرامما رىياسەتچىسى پروفېسسور فۇجى گېنكى ئاڭلىتىش جەريانىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئاڭلىتىشتا ھازىرغا قەدەر ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور فۇجى گېنكى:« 17-ماي سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ ھەپتىدە ئىككى قېتىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئاڭلىتىشنى باشلىدۇق. مېنىڭچە، ياپونىيەدە تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەت يىغىنى ئېچىلىش ئالىدا تۇرغان، خەلقىمىز خەلقئارا مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەتبۇئاتلاردا تېخى دېيىلمىگەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۈچ چوڭ شەھەردە دوكلات بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى تولىمۇ زور بولىدۇ دەپ قارايمەن» دېدى.

رادىيو پروگرامما مەسئۇلى سۈزۈكى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتى توغرىسىدا ئىشلەنگەن پروگرامما ھەققىدە توختىلىپ:« شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ زىندان ھاياتى ۋە خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى ھەممىدىن بەكرەك تەسىرلەندۈرۈشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن» دېدى.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەدە بۇ خىل رادىيو پروگراممىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ‏- ياپونلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ۋە شۇنداقلا بۇ قېتىم ئۈچ چوڭ شەھەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.