ياپونىيە ژۇرنىلى ماقالىسى: «ساھىبجامال خىتاي جاسۇسىنىڭ ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەرىكەتلىرى»
2014.09.02
ياپونىيەدە چىقىدىغان «ساپ10» ژۇرنىلىنىڭ 9-سانىدا «ساھىبجامال خىتاي جاسۇسىنىڭ ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەرىكەتلىرى» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەسلى خىتايدا تۇغۇلغان، كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن ياپونىيەگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان، ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى بىر خىتاي قىزىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا خىتاينىڭ كۆلەڭگىسى ياپونىيە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە شۇنداقلا ئارمىيە ئىچىدە مەۋجۇت بولغانلىقى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن مەخپىيەتلىكى يۇقىرى دەپ قارالغان ئىچكى ماتېرىياللارنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا بۇ يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسىدا چاقىرىلغان بىر قېتىملىق مەجلىستە، پالاتا ئەزاسى ۋادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىغا سوئال قويۇپ: «ئاڭلىشىمچە، ياپونىيە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر قىز ئوقۇغۇچى مەكتەپ سىرتىدىكى تۇرالغۇدا تۇرىدىكەن. قىزنىڭ ھۇجرىسىدا كۆپلىگەن كىشىلەر كۈتۈلىدىكەن شۇنداقلا بۇ قىز دائىم خىتايغا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىكەن. قىز ئەسلىدە خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، 17 يىل ئىلگىرى ئائىلە بويىچە ياپونىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. ئاتىسىنىڭ ئوساكادا شىركىتى بار بولۇپ، شىركەت خىتايدىن كىيىم-كېچەك كىرگۈزىدىكەن. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ دائىم خىتايغا بارىدىكەن. قىزنىڭ ئاكىسى ياپونىيە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ ھازىر ئارمىيىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بارمۇ-يوق؟»دېگەن.
يۇقىرى پالاتا ئەزاسى ۋادانىڭ سۆزىگە جاۋاب بەرگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى:«ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خىتايغا بارماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئىلتىماس سۇنىدۇ. ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن بارالايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ساھىبجامال خىتاي جاسۇسى ئوقۇغۇچى قىزنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكەتلىرىدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرگەن.
ساھىبجامال خىتاي جاسۇسى ئوقۇغۇچى قىزنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرى بار بولۇپ، ساقچىلار بۇ مەسىلىسىنى تەكشۈرگەندە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى يوشۇرغان.
تەكشۈرگۈچىلەر ياپونىيە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشخانا خادىمى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئوقۇغۇچىلار چەتئەلگە بارسا ئاۋۋال رەسمىيەت ئۆتەيدۇ، دېگەن گەپ پەقەتلا ئېغىزدا دېيىلىۋاتقان سۆز، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنداق تەكشۈرۈش يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ساھىبجامال خىتاي جاسۇسىنىڭ مەسىلىسى يالغۇز چەتئەلگە چىققانلىقى مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۇ قىزنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى ئۆيىدە ياپونىيە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى دائىم كۆڭۈل ئېچىپ تۇرغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ ساھىبجامال خىتاي جاسۇسىنىڭ ھازىرغىچە قانچىلىك مەخپىيەتلىكلەرنى خىتايغا بەرگەنلىكى نامەلۇم ئىكەن.
ياپونىيە تەرەپنىڭ تەھلىلىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ياپونىيەگە قاراتقان ھەربىي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىدىكى ئاساسلىق نىشانى ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، مەكتەپ تۈزۈمىنىڭ تازا چىڭ بولماسلىقىدىن ئىبارەت بۇ بوشلۇقتىن پايدىلانغان خىتاي جاسۇسلىرى بۇ مەكتەپتىن ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنى ئوغرىلاشنى بىر قەدەر قۇلاي دەپ قارايدىكەن.
دوكلاتتا: «ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا مەسىلە كۆپ. 2007-يىلى ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئائىت بەزى مەخپىي ئۇچۇرلار خىتايلار تەرىپىدىن ئوغرىلانغان. سەۋەبى بەزى مەخپىي دەپ قارالغان ماتېرىياللارنى مەسئۇل خادىملار ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. ئەگەر خىتاي تەرەپ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىۋالسا، پەقەتلا بىر دانە ئۇزۇن مۇساپىلىك سۇ ئاستى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەنلا ئۇرۇش پاراخوتىنى نىشانغا ئېلىپ چوكتۇرۈۋېتىدۇ» دېيىلگەن.
مەخپىيەتلىكلەرنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە دوكلاتتا بەزى بىر مىساللار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئايالى خىتاي تەۋەلىكىدىكى بىر خادىم مەخپىي ماتېرىياللارنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن ۋە كېيىن شاڭخەيگە ساياھەتكە بارغان. ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرگەندە بارلىق ھەربىي مەخپىي ماتېرىياللارنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىۋى كومپيۇتېرىغا قاچىلانغانلىقىنى سەزگەن. ئەسلى ئۇنىڭ ئايالى 2005-يىلى خىتايدىن ياپونىيەگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن يوكوخامادىكى بىر كەچلىك بەزمىخانىدا تونۇشۇپ، كېيىن ئىككىسى توي قىلغان. ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ ئايالىنى يولدىشى ئارقىلىق ھەربىي ئاخبارات ئوغرىلاپ خىتايغا يوللاپ تۇرغان دەپ پەرەز قىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ئارمىيەسىدىكى بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ياپونىيەگە بەك ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولغان.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ياپونىيە ئارمىيىسى ئىچىدە چەتئەللىكلەر بىلەن نىكاھلىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي بىلەن توي قىلغانلار كۆپ ئىكەن. ھەتتا ياپونىيە پ ك-3 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ۋەزىپىدىكى بىر خادىمىنىڭمۇ ئايالى خىتاي ئىكەن.
دوكلاتتا:«ياپونىيە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىك سالاھىيىتى تەكشۈرۈلگەندە پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن كومپارتىيىگە ئەزا بولغان- بولمىغانلىقىلا تەكشۈرۈلىدۇ. ئامېرىكىدا بولسا ف ب ئى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېيىلگەن.
خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ياپونىيەدىن ئاخبارات ئوغرىلاش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى يۈكى خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئىلگىرى ياپونىيەدە چەتئەل جاسۇسلىرىغا زەربە بېرىش قانۇنى رەسمىي بەلگىلەنمىگەنلىكتىن، كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياپونىيە ئىچىدە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدە بولغان ئىدى. ياپونىيەدە يېقىندا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى» نى رەسمىي تەستىقلاپ ئۇنى ئىجرا قىلىشنى يولغا قويىدۇ. بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنغاندىلا ئاندىن خىتاي جاسۇسلىرىنى ۋە خىتايغا ئاخبارات بەرگەنلەرنى جازالىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.