جېنې بۇنىن: «شاھىت بىز» سانلىق ئامبىرى ئاخىرىدا خىتاينى سوتقا تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ
2019.03.20
10 يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان جېنې بۇنىن ئەپەندى، ئاخىرقى قېتىم بۇلتۇر 5-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى.
ئۇ خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىلىق خەۋەر ۋە مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى پاكىتلار ۋە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.
جېنې ئەپەندى بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ يەنە، مەخسۇس خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان كىشىلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىپ «شاھىت بىز» تورىنى قۇرۇپ، سىستېمىلىق خىزمەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
ئالمۇتادىن بۈگۈن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جېنې بۇنىن ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن راۋان ئۇيغۇر تىلىدا سۆھبەتلەشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.