«شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا خىتاي مۇستەملىكىلىرىنىڭ تەقدىرى» ناملىق تور يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.29
«شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا خىتاي مۇستەملىكىلىرىنىڭ تەقدىرى» ناملىق تور يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان ھىمالايا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى بىلەن تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا خىتاي مۇستەملىكىلىرىنىڭ تەقدىرى» ناملىق تور يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 27-نويابىر.
TYC Centrex

11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ھىمالايا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى بىلەن تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى بىرلىكتە «شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا خىتاي مۇستەملىكىلىرىنىڭ تەقدىرى» ناملىق تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا شى جىنپىڭ ھوقۇق بېشىغا چىققان 10 يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى سىياسىتى ۋە «ئاز سانلىق مىللەت» قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يوقىلىپ كېتىۋاتقان مىللىي ۋە مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.

يىغىندا يەنە كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدە شى جىنپىڭنىڭ چېكىدىن ئاشقان قامال سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەدىن غەزەبلەنگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە قاراتقانلىقى، بۇنىڭ بەلكىم مۇستەملىكە مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدىكى بىر تارىخىي پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغان 70 نەچچە يىلدىن ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرىنى سىناق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شى جىنپىڭ دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن مۇستەملىكە ۋە مىللىي ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى كەڭ كۆلەمدە ۋە قەبىھ ئۇسۇلدا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئۆمۈرلۈك ھۆكۈمرانى بولۇۋالغاندىن كېيىن، داۋاملىق يولغا قويۇۋاتقان يۇقۇمنى قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە تېخىمۇ زور بالايى-ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، 3 مىليون ئىنساننى لاگېرلارغا سولاش، ئاياللارنى خورلاش، بالىلارنى توپلاپ مېڭىسىنى يۇيۇش، ياشلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى ئاز كەلگەندەك، بۈگۈنكى كۈندە سىرتتا قالغان پۇقرالارنى ئۆيىگە سولاپ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش، كېسەل قىلىپ ئۆلتۈرۈش دېگەندەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقىلى 4 ئايغا يېقىن بولدى. بىز قانچە ئادەمنىڭ ئاچلىقتىن ۋە داۋالىنالماسلىقتىن ئۆلگەنلىگىنى بىلمەيمىز. چۈنكى 2017-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىن ئېنىق ئۇچۇر ئېلىش ناھايىتى تەسلىشىپ كەتتى. يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ۋىدېيولاردىن 24-نويابىر كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۇق، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 ئادەمنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئەمما ھەقىقىي سان بۇنىڭدىن كۆپ. ئۇلار ئۆيىگە سولىنىپ قېلىپ ئۆلگەنلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيۈپ ئۆلۈشكە مەھكۇم قىلدى. مانا بۇ بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار. شۇڭا دەيمىزكى، ۋەزىيەت كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ دېموكراتىك ئەللەرنى خىتايغا كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىمىز».

«زېمىستان» تورىنىڭ دىرېكتورى ماركو رېسپىنتى (Marco Respinti) بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنى «شەخسكە چوقۇنىدىغان قانلىق جىنايەت گۇرۇھى» دەپ ئاتىغان ھەمدە شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى خىتايدا بالايى-ئاپەتنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ھاكىمىيەت ئۆزىگە ئوخشاشلاردىن باشقا ھەممىنى ۋەيران قىلىشنى نىشانلىغان مۇكەممەل بىر ماشىنىغا ئوخشايدۇ. مەن شى جىنپىڭنى ئالۋاستى دېمەيمەن، ئەمما مېنىڭ كۆرۈۋاتقىنىم فانتازىيەلىك كىنولاردا چىقىدىغان، بۇ ماشىنىنى ماڭدۇرۇۋاتقان تاش يۈرەك، رەھىمسىز، ۋەھشىي بىر مەخلۇق. ئىككىنچى ماۋ زېدۇڭغا ئايلانغان شى جىنپىڭنىڭ ھازىر ھېچقانداق رەقىبى يوق. ئۇ زوراۋان، رەھىمسىز، ئەخلاقسىز، ياۋۇز بىر گۇرۇھقا باشچىلىق قىلىۋاتىدۇ. دېموكراتىك دۇنيا ئازغىنە پايدىنى كۆزلەپ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان مۇشۇنداق زوراۋان ھاكىمىيەت بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈۋاتىدۇ ھەم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قاراۋاتىدۇ».

كانادا تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى لادون تىتۇڭ (Lhadon Tethong) بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى يولغا قويغان يۇقۇمنى تىزگىنلەش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىشنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق كۈرىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت سۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى، يېڭى ئەۋلاد خىتاي ياشلىرى نامايىشقا چىققان ئەھۋالدا ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئايرىم مىللەت، ئايرىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي پۇقرالىرى نامايىشقا چىققاندا ئۆز كىملىكىمىزنى ساقلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. خىتاي ياشلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش كۆتۈرۈشى بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، گەرچە تەقدىرىمىز خىتايلار بىلەن باغلانسىمۇ، بىز ئايرىم مىللەت، ئايرىم دۆلەت. مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىنمىزدا ياشاۋاتقان خىتايلار كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلالايدۇ، كامېرانىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋارقىرىيالايدۇ. ئەمما تىبەتلەر ياكى باشقا مىللەتلەر ئالدىراپ ئالدىغا چىقالمايدۇ. مانا بۇ مۇستەملىكە زېمىندىكى ئىككى خىل سىياسەت، ئىككى خىل مۇئامىلە. تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىمىزدىن، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىمىزدىن قەتئىي ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئاز سانلىق مىللەت، ئۇ رايون، بۇ رايون دەپ يۈرىۋەرسەك، ئاخىر ھەممىدىن ئايرىلىپ قالىمىز. ئىشىنىمەنكى، شى جىنپىڭ بىزگە ھەقىقىي بىر پۇرسەت سۇنۇۋاتىدۇ. كەلگۈسىمىز پارلاق بولىدۇ، خىتاي كومپارتىيەسى بىزنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت تەقدىرنى ھەرگىز ئالدىن بېكىتەلمەيدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.