شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ھەققىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى قىزىق تېمىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

19-سېنتەبىر نيۇ-يوركتا ئېچىلغان «شى جىنپىڭنىڭ پاراكەندە شاھمات تاختىسى» دەپ نام بېرىلگەن مۇھاكىمە يىغىنى ئاممىغا يېپىق ھالەتتە ئېچىلغان، ئەمما مەتبۇئاتلارغا ئېچىۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى يىغىن مەيدانىدا ھازىر بولغان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ يىغىندا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

ئىلشات ئەپەندى چۈشلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى 2-باسقۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتايدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېمىسىدىكى قىسمىدا بەرگەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ قىزىق مۇنازىرە تېمىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.